ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2018-01-31
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينى ئامېرىكىنىڭ «ھەم ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى» دەپ كۆرسەتتى.
2018-01-31
خىتاينىڭ چاغانلىق بايرىمى مەزگىلىدە بىرەر ۋەقە كۆرۈلۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنە كۈچەيتكەن.
2018-01-31
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇ يىل يەنە 12مىڭ خىزمەت ئەترىتى ۋە 76 مىڭ نەپەر كادىرنى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرىدىكەن.
2018-01-31
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى باش پوپ جوسېف زېن دۈشەنبە كۈنى ۋاتىكاننى «خىتايغا سېتىلدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
2018-01-31
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى باشلىقى ئۆمەر قانات شۇنداقلا روشەن ئابباس خانىم قاتارلىقلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى.
2018-01-31
ۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2018-01-31
تۇرسۇن ئابلەت ئۆلۈۋېلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال ئايالىغا خىتاي دۆلەت شېئىرىنى يادلاشتا قىينىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان.
2018-01-31
«ئەنگلىيە باش مىنىستىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق سۆھبىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق شارائىتىنى كۆزدىن ساقىت قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك»
2018-01-31
ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا «نامرات ياشىسىمۇ ئەركىن ئىكەنلىكىنى» نى بىلدۈردى.
2018-01-31
بىرقانچە كۈندىن بېرى تۈركىيەدىكى گېزىتلەردە، تور بەتلىرىدە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاتاقلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار ۋە ئىنكاسلار تارقالماقتا.
2018-01-31
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قۇددۇس ئاسىم ئەپەندى رادىيومىزغا تېلېفون قىلىپ، خىتاي پۇقرالىقتىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2018-01-30
خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۇەن «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش لازىم» دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلغان.
2018-01-30
ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرى ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان بەلگىلىمىلىرى بارغانسېرى كۆپلىگەن مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىنى ئاقسىتىپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
2018-01-30
ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئامبىرى» دەپ تەرىپلەۋاتقان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەر ئاستى بايلىقىنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ۋە مىقداردا قېزىلىشقا يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم بولدى.
2018-01-30
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە «دىنىي ئەسەبىيلىك» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.