ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2018-11-30
«تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار» ناملىق تىزىملىكتە ئاتاقلىق رېژىسسور، شائىر ۋە سىنارىست مۇختەر بۇغرانىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
2018-11-30
بىر مىليوندىن ئارتۇق خىتاي كادىرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە دائىملىق ئولتۇرۇشلۇق «تۇغقان» لاردىن بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2018-11-30
ئەلجەزىرە تورىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىسلام دىنى چوقۇم داۋالاش كېرەك بولغان ‹روھىي كېسەل›» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2018-11-30
ئامېرىكا ۋە ياپونىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى باشلىدى.
2018-11-30
«دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى.
2018-11-30
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2018-11-30
ئامېرىكىدىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتى 30-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ھەرىكەت قىلماسلىققا چاقىرغان.
2018-11-30
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىشقا چەك قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2018-11-30
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «تۇغقاندارچىلىق» پروگراممىسى يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قىزىق تېمىغا ئايلانماقتا.
2018-11-30
روتېرس ئاگېنتلىقى ئامېرىكىدىكى «ئېرسرايس» (Earthrise) ناملىق بىر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئورگىنى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قۇرغان 39 ئورۇندىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كېڭەيتىلىش ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇزۇن ھەجىملىك بىر ئاخبارات دوكلاتى ئېلان قىلغان.
2018-11-30
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى برەت ستېفانس مەزكۇر گېزىتنىڭ 29-نويابىردىكى سانىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يىقىلىشىنىڭ ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكى، خىتايدىن كېلىدىغان ھەقىقى خىرىس ئۇنىڭ يىقىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2018-11-29
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى ۋە شىخەنزىدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەر «يۇقىرى تېخنىكا تەرەققىيات ئېچىۋېتىش رايونى» دېگەن نامىدا بىرلەشتۈرۈلۈپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانلانماقتىكەن.
2018-11-29
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە جىددىي تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىدىغان ئاۋازلار كۆپەيمەكتە.
2018-11-29
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى ئارگېنتىنادا ئېچىلىدىغان «G-20» دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئۇچرىشىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇردى.
2018-11-29
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «نىڭشىيا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشنى شىنجاڭدىن ئۆگىنىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.