ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2018-02-28
ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قازاقىستانلىق نارىمان قۇربانوف ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
2018-02-28
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۈگۈن يەنە خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاست مىقياسىدا جەمئىي 4 مىليون 47 مىڭ مو يەرنى يىغىۋېلىپ قايتىدىن تەقسىملەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2018-02-28
ۋاشىنگتوندىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 5-مارت كۈنى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
2018-02-28
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى داۋاملىق ئۇزارتىش پىلانى يەكشەنبە كۈنى ئاخباراتقا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن زور بىر تۈركۈم خىتاي پۇقرالىرىدا چەت دۆلەتلەرگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن كاناداغا كۆچۈپ كېتىش خىيالى تۇغۇلغان.
2018-02-28
بايىنغولىن ئوبلاستلىق سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىدارە باشلىقى تۇرسۇن باقى ئالدىنقى كۈنى 578 نەپەر ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنىڭ ئەرزان توۋلاپ قويۇلغان «تۇرسۇن باقى» دېگەن ئىسمىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە «با خوڭۋېي» دېگەن خىتايچە ئىسىم-فامىلىنى تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2018-02-28
بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە بىر پارچە مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلدى.
2018-02-28
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە ئىككى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى.
2018-02-28
شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
2018-02-28
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە مەدەنىيەت ساھەسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىش مەقسىتىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلدى.
2018-02-28
1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ياشلارنىڭ دېموكراتىك نامايىشىغا قاتناشقان بىر ئائىلىدىن ئۈچ ئوغۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.
2018-02-28
تۈركىيەدىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرى بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىدە ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردى.
2018-02-27
تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ چىققان 11 ئۇيغۇر مالايشىيادا تۇتۇلۇپ ھازىرغىچە تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. 26-فېۋرال مالايشىيا باش مىنىستىرى نەجىب رازاققا يېزىلغان ئوچۇق خەت تۈپەيلى بۇ مەسىلە يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2018-02-27
ئۇيغۇرلار دىيارىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جىنايەتنى ئالدىن بايقاش» سىنىقى بويىچە شەخسلەرنىڭ توپلانغان ئۇچۇرلىرىغا بىنائەن «جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بار» دەپ قارالغان كىشىلەرنى قولغا ئېلىش قىلمىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
2018-02-27
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «دۆلەت رەئىسى ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ» دېگەن ماددىنى چىقىرىۋېتىشكە تەييارلىنىشى ھەمدە شۇ ئارقىلىق 2023-يىلىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خىتاينىڭ رەھبىرى بولۇشقا ئىنتىلىشى بۈگۈن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالدى.
2018-02-27
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەممىلا ساھەگە ئۆز كونتروللۇقىنى ۋە تەشۋىقاتىنى سىڭدۈرۈشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەللەرگە ئۆزىنىڭ ھاكىممۇتلەق سىستېمىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى جەريانىدا كۆپلىگەن مىسال تەرىقىسىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.