ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2018-03-30
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېرىي برانسىتات پەيشەنبە كۈنى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن پۇرچاق ئىمپورت قىلىشنى چەكلىشى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى كۆپرەك زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2018-03-30
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتى جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2018-03-30
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى جۈمە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوللانغان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب قىلىش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن خىتايغا كېڭەيتىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە جىددىي خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2018-03-30
ئامېرىكىدىكى بىر تور ژۇرنىلى پەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ئا يىغىۋالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قاتتىق دەرىجىدىكى باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2018-03-30
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «تاشقى سىياسەت»ژۇرنىلى پەيشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىۋاتقان قاچقۇن ئەمەلدارلارنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پائالىيەتچىلىرىنى گۆرۈگە تۇتۇپ، خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.
2018-03-30
غۇلجىنىڭ بايانداي، سۈيدۈڭنىڭ كۈرە تەۋەلىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ساقچىلارنىڭ 3 كۈندىن بېرى يول توسۇپ ۋە ئۆي ئاختۇرۇپ تۈرمىدىن قاچقان بىر گۇماندارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
2018-03-30
30-مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» دا «بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ئۇرۇندى» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
2018-03-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە ئىستانبۇلدا مەخسۇس ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تۈرك سىياسىيونلىرى، بىلىم ئادەملىرى ۋە تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2018-03-30
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى
2018-03-30
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكىدىن غۇلجىغا تۇغقان يوقلاشقا بارغاندا «تەربىيىلەش» كە تۇتۇۋېلىنغان بىر نەپەر تۇڭگان قىز يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان.
2018-03-30
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىدە 28-مارت كۈنى، «خىتاي چەتئەللەردە ئۇيغۇر دېئاسپوراسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
2018-03-30
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىپ كېتىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2018-03-30
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنى خىتايغا قاراتقان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان.
2018-03-30
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت تورىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلماقتا.
2018-03-29
پەزىلەت بەكرىنىڭ «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلىشتىن ئاۋۋال دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.