ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2018-06-29
ساقچى خادىملىرىدىن بىرى مەرھۇمە ئايخان مەمەت خانىمنىڭ كەلپىن ناھىيىلىك 2-تەربىيىلەش لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
2018-06-29
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 28-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلىپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2018-06-29
شاۋن جاڭ: «خىتاي دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. بۇ رېئاللىق يېقىندا لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئاخباراتلاردا ئاشكارىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشماقتا.»
2018-06-29
«ئەتەبەتۇلھەقايىق» ناملىق كلاسسىك ئەسەرنىڭ قوليازمىسى نەجىپ ئاسىم تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقىغا 100 يىل بولدى.
2018-06-29
مەزكۇر مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشنىڭ بىرىنچى مەقسىتى ياش ئەۋلادلار ئارىسىدا ساغلام ھايات مۇھىتىنى تەرغىب قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
2018-06-29
ئەنگلىيەدىكى ئەڭ داڭلىق گېزىتلەردىن بولغان «ئىقتىسادشۇناسلار» گېزىتى 2018-يىلى 31-ماي كۈنى ناھايىتى زور ھەجىملىك باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ نۆۋەتتە تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقىنى ناھايىتى تەپسىلىي ۋە جانلىق بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى.
2018-06-29
ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن «ياۋا كەپتەر» ناملىق ھېكايىسى سەۋەبلىك 2004-يىلى ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
2018-06-29
خەلقئارا ئاخبارات ساھەسىدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلاردىن بولغان بېرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىش ۋەقەسى پەسكويغا چۈشكەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدە بولماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2018-06-29
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىس 29-ئىيۇن كۈنى توكيودىكى زىيارىتىدىن كېيىن «ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى ئاسىيا رايونىدىكى تىنچلىقنىڭ ئاساسى. ۋاشىنگتون بۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئىستەيدۇ،» دېگەن.
2018-06-29
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيەگە ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى چوڭ بەس-مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقاندا ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول سېلىشىنى چەكلەيدىغان مەخسۇس قانۇننى ماقۇللىدى.
2018-06-29
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2018-06-28
ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ خىتاينىڭ ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن يېتىشىپ چىققان ئۇيغۇر تەنتەربىيە چولپانلىرى ھەققىدە كۆپلەپ خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.
2018-06-28
خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نازارەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ چىققانلىقى ئىزچىل خەلقئارا جامائەتنى ھەيران قالدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. نۆۋەتتە بۇ خىل نازارەت مېخانىزمىنىڭ شەھەرلەردىن ھالقىپ، يېزا-قىشلاقلارغا كېڭىيىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2018-06-28
ئا ق ش نىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرى باش ئەلچىسى سام بروۋنبەك ئاق ساراينى خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا قوللىنىشقا ئۈندىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس تەكلىپنى يېقىندا ئاق سارايغا تاپشۇرغان.
2018-06-28
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە قاتماللىق داۋام قىلىۋاتقاندا سابىق ئامېرىكا دىپلوماتلىرى «خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان نەچچە تىرىليون دوللارلىق مەسىلە سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى بىكار قىلىۋېتىشى مۇمكىن،» دېدى.