ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-07-19
خىتاي بەزى دۆلەت ئۆمەكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، «جازا لاگېرلىرى» يوقلۇقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا كەسىپ ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتماقتا.
2019-07-19
سەئۇدى ئەرەبىستان 19-ئىيۇل كۈنى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيە، پاكىستان، ئەرەب ئەللىرى ۋە بەزى ئافرىقا ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 36 دۆلەت قاتارىدا بىر مەكتۇپقا ئىمزا قويۇپ، خىتاينىڭ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشتەك ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى ئاقلىدى. DEL
2019-07-19
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر خەلقئارا يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەپ، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبىتى قانداق بولسا بولسۇن ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-07-19
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئىمزا قويۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان.
2019-07-19
ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن كۆپلەپ چېكىنىپ چىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «نىككېي ئاسىياغا نەزەر» ناملىق تۆت ژۇرنىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشقا باشلىغاندىن بېرى ئەپېل، نىنتەندو، دېلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 تىن ئارتۇق خەلقئارا شىركەت ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىكى كارخانىلىرىنى يۆتكەپ چىقىشقا كىرىشكەن.
2019-07-19
خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى غالىپ ئابلىمىتنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە-تۈزۈمگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
2019-07-19
سۇسان سورنتون باشچىلىقىدىكى 5 نەپەر سىياسىيون ۋە ئىلىم ئەھلى پرېزىدېنت ترامپ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى.
2019-07-18
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا 18-ئىيۇل دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ ئاياغلىشىش ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنى كەڭ كۆلەمدە قامىشى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق كونترولغا ئۇچرىتىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى.
2019-07-18
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام قاتارلىق 27 ۋەكىلنى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتى.
2019-07-18
يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەممىلا كىشىگە مەلۇم بولغان «دوختۇرخانىدا قاق-سەنەم بولۇپ كېتىش» دېگەن ئاتالغۇ دوختۇرخانىلاردىكى غايەت زور داۋالىنىش ھەققى ۋە ئالدىن تاپشۇرۇلىدىغان داۋالىنىش زاكالەت پۇلىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2019-07-18
مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى دۇنيا ئاخباراتىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقاندا بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان مۇئامىلە شەكىللىرى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2019-07-18
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرىغا قامالغاندىن كېيىن جان ئۈزگەن مۇنەۋۋەر يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ نامى يېقىندا «كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى خاتىرىسى» گە كىرگۈزۈلدى.
2019-07-18
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 18-ئىيۇل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە «زامانىمىزدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە خىتاي ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
2019-07-18
دونالد ترامپ دىنىي زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقان مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىنى ئاق سارايدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
2019-07-18
پايتەخت ۋاشىنگتوندا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردىكى ئاساسلىق مۇزاكىرە ۋە يىغىنلار بولۇپ ئۆتتى.