ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-07-03
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى يىغىنى» دىن كېيىن خىتايدا بىر كۈنلۈك رەسمىي زىيارەتتە بولدى.
2019-07-03
«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» دە مۇتەخەسسىس ئادرئان زېنز بىلەن جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر سۆھبەت ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2019-07-03
27-29-ئىيۇن كۈنلىرى ئەنگلىيەنىڭ ئېكسېتېر ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئالەمشۇمۇل مەركىزىي ئاسىيا» تېمىسىدا 16-قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2019-07-02
2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىق خاتىرىسى ھارپىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشكە، شۇ ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى.
2019-07-02
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زور كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە كۆپلەپ مەلۇماتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت-نەزىرىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.
2019-07-02
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى ۋاڭ لىشيوڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور يېزىپ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2019-07-02
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تونىي پېركىنس 2-ئىيۇل كۈنى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن دىلشات پەرھات ئاتاماننىڭ ھېمايىچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2019-07-02
خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 2-ئىيۇل كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن خىزمەت سۆھبىتىدە بولدى.
2019-07-02
مالايسىيانىڭ ئىسلام ئىشلىرى مىنىستىرى مۇجاھىد يۈسۈپ راۋا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى سەككىز كۈنلۈك زىيارىتىدىن كېيىن مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «مەن زىيارەت جەريانىدا شۇنى كۆردۈمكى، بۇ ئورۇنلار مەشىق ۋە كەسپىي ماھارەت مەركىزى ئىكەن» دېگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى بۇ بايانلىرىغا تەرەپ-تەرەپتىن تەنقىدلەر يېغىشقا باشلىدى.
2019-07-02
ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى تېلېفونلىرىغا بىر خىل جاسۇسلۇق ئەپىنى قاچىلاشقا مەجبۇرلىغان.
2019-07-02
خوتەندىكى مەلۇم بىر كەنت سېكرېتارى ئۆزىنىڭ قوشماق تۇغقىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2019-07-02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ مەخپىي ھۆججىتى خوڭكوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقالغان.
2019-07-02
ئىستانبۇلدا خىتاي تۈرمىسىدە ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئۈچۈن غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.
2019-07-02
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىككى ئايدىن بۇيان ئىنتىزار بولغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى 9-قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتتى.
2019-07-02
1997-يىلى 3-ئايدا 70 ياشتىن ئاشقان مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىدە يېپىق سوت ئېچىلغان.