ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2019-09-23
ھەسەنجان ئىسمائىلنىڭ بىر يىلدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە خېجىڭ، يەنى خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىدىكى بىر لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
2019-09-23
ئۇلار تاشپولات تېيىپقا ئوخشاش قىممەتلىك بىر بىلىم ئادىمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىل-ئىسپاتسىز قارىلاشلىرى ئاستىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭگە چاقىرىق قىلدى.
2019-09-23
23-سېنتەبىر ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا 5 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلىنغان.
2019-09-23
لاگېردىكى زۇلۇم ۋە خورلۇقلارنىڭ مۇقەددىمىسى ئۇنىڭ 3 نەپەر ئەر ساقچى ئالدىدا تۈرمە كىيىمىنى يۆتكەشكە مەجبۇرلىنىشى بىلەن باشلانغان...
2019-09-23
تۈركىيەدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2019-09-23
دونالد ترامپ سۆزىدە نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە دىنىي ئېتىقاد جامائىتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بۇ ساھەدە ئەمەلىي خىزمەت قىلىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2019-09-23
19-سېنتەبىر كۈنى تاھىر مۇتەللىپ نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» دا قايتىدىن گۇۋاھلىق بېرىپ، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقان دادىسى بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ يەنە ئۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2019-09-21
600 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا كورلا غەربىي ۋوگزالىدىن مەخسۇس پويىز بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2019-09-20
قۇززات ئالتاي 18-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ب د ت نى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرگۈچى مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەشكە چاقىرغان.
2019-09-20
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇتجان بارات يېقىندا خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
2019-09-20
رابىيە قادىر خانىم 19-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پىلۇسى خانىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
2019-09-20
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 42 -نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
2019-09-20
خەۋەردە بانكا ئارقىلىق ئاۋسترالىيەدىكى ئاتا-ئانىسىغا پۇل سالغان ماھىرە ياقۇپ ئىسىملىك 41 ياشلاردىكى غۇلجىلىق بىر ئايالنىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكى، نۆۋەتتە 3 بالىنىڭ ئانىسى بولغان ماھىرە ياقۇپنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىپ، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2019-09-20
ئاچلىق ۋە ئەندىشىدىن ھالسىرىغان زۇمرەت يەنە بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ تۈرمىسىگە ئېلىپ كېلىنگەن...
2019-09-20
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ 42-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى چاقىرىلىۋاتقان مەزگىلىدە جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدىكى مەيداندا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.