ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-01-22
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان ۋە ھازىر «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى تېز سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە.
2020-01-22
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 21-يانۋار كۈنى كوستارىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى. ئۇ كوستارىكادا قىلغان نۇتقىدا كوستارىكا ۋە باشقا كارىب دېڭىزى دۆلەتلىرىنى خىتاي تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
2020-01-22
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم كانادانىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىدە دوكلات بەرگەن.
2020-01-22
گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى گۇيدې يېنسېننىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىشقا قاتنىشىشى ھەرقايسى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2020-01-22
ئامېرىكادىكى تونۇلغان ئوبزورچى ۋە تەتقىقاتچى س ج ۋېرلېمەن لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ «ھالال ئورگان» تىجارىتىگە قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2020-01-21
ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى ئەكبەر ئىمىننىڭ ئاكىسى ۋە ئىنىسى 20 يىللىقتىن كېسىلگەن، شېرىكلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولۇپ جەمئىي 30 نەچچە كىشى تۇتقۇندا.
2020-01-21
دۇنيا تارىخىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ھادىسىسىدىن كېيىن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ خىل قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى يىللاردىن بۇيان تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.
2020-01-21
خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» تارقاتقان ۋىدېيودا رابىيە قادىر خانىمنىڭ جىيەنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇززات ئالتاينىڭ دادىسىمۇ كۆرسىتىلگەن.
2020-01-21
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە يېڭىدىن بايقالغان تاجسىمان يۇقۇملۇق ۋىرۇسى نۆۋەتتە پۈتۈن خىتاينى ساراسىمىگە سېلىش بىلەن بىرگە، خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تارقىلىپ يېڭى بىر مەيدان دۇنياۋى ئاپەتتىن بېشارەت بەرمەكتىكەن.
2020-01-21
«خىتاي كومپارتىيەسى خەۋەر تورى» نىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 20-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق زىيالىيلار سۆھبەت يىغىنى» غا قاتناشقان ھەمدە ئۇزۇن سۆز قىلغان.
2020-01-21
بېرلىندا ئۇيغۇرلار، تۈركلەر، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
2020-01-21
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەۋە چەتئەللەرگە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا ياردەملىرىنى كۆرسىتىدىغان تىنچلىق كۆرپىسىنىڭ باش شتابى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى» تۈپەيلىدىن ئۆتكەن ھەپتە ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملىرىنى 2020-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
2020-01-21
تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرى بىلەن قەھرىمانماراش شەھىرىدە كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.
2020-01-21
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى» 20-يانۋار كۈنى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى جامائەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەمگە يەتتى»، دەپ جاكارلىدى.