ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-12-11
ئاۋسترالىيە پۇقراسى سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالى نادىرە ئۆمەر بىلەن ئۇنىڭ 3 ياشلىق ئوغلى لۇتفى 10-دېكابىر كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان.
2020-12-11
ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى دۇنيا جامائىتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى توسۇشقا چاقرىق قىلدى.
2020-12-10
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چاچ مەھسۇلاتلىرى چىڭداۋدىكى «ئېمىدا» ناملىق خىتاي چاچ مەھسۇلاتلىرى شېركىتىدىن ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، «ئېمىدا» چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ خام-ئەشيا زەنجىرى ئۇيغۇر ئېلىغا تۇتۇشىدىكەن.
2020-12-10
2000-يىلى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ خەتەرلىك ئەۋلاد كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، لاگېرغا ئەكىتىلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان. يىگىت ساقچىخانىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.
2020-12-10
9-دېكابىر كۈنى گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى ئىنىستىتوتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىلھام توختى قاتارلىق تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە «تور مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.
2020-12-10
ياپونىيە چىبا ئۇنىۋېرسىتېتى نانو ماتېرىياللىرى كەسپىىنىڭ دوكتورانت ئوقۇغۇچىسى ئابدۇلخەبەر مىرزەخمەتنىڭ بىر پارچە ماقالىسى 8-دېكابىر كۈنى دۇنيادىكى نۇپۇزلۇق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىندى.
2020-12-10
بۇ لايىھە 161 ئاۋازغا قارشى 287 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ۋە ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ھەر قانداق دۆلەت بىلەن سودا قىلماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدىكى پرىنسىپ دەسلەپكى قەدەمدە مۇقىملانغان.
2020-12-10
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق» ساھەسىگە نەزەر سالغاندا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا «ھۆكۈمەتكە شىلتىڭ ئاتقان» دەپ قارىلىدىغان بىر قىسىم شەخسلەرنى جازالاشتىن ھازىر پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنى بايقاش قىيىن ئەمەس.
2020-12-10
10-دىكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ كۈندە خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەشنى ئەڭ مۇھىم بۇرچى دەپ بىلگەن.
2020-12-10
شاخنىزا ئىبدىمىنوۋا: «بىز قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن يېڭىلىقلارنى خەۋەر قىلىش، دۇنياغا مەدەنىيىتىمىزنى، ئەدەبىياتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى ۋە باشقا مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىمىزنى نامايىش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.»
2020-12-09
خىتاينىڭ مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى تونۇش سىستېمىسىغا قارىتا ئىشلەنگەن كارتون.
2020-12-09
ئامېرىكادىكى ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى تورى(OSUN) -2017يىلى 12-ئايدىن باشلاپ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر فولكلورشۇناسى دوكتور راھىلە داۋۇتقا ئادىمىيەت پەنلىرى بويىچە «پەخرىي پروفېسسور» لۇق ئۇنۋانى بەرگەن.
2020-12-09
تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان 2000 ئۇيغۇرنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرى ھەققىدە بىر پارچە مۇھىم دوكلات ئېلان قىلدى.
2020-12-09
لاگېرلاردا «ئۆگىنىش» تە ئەلا نەتىجە قازانغانلارنىڭ لاگېر ئىچى-ياكى سىرتىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.