ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-09-10
شىۋىتسىيەنىڭ تونۇلغان كىيىم-كېچەك ماركىسى «H&M» شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھېچقانداق كىيىم-كېچەك زاۋۇتى بىلەن ئالاقە قىلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى زاۋۇتلارغا زاكاز بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2020-09-10
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ «بىڭتۇەن» دە قۇللۇق ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىغا جازا ئېلان قىلماقچى.
2020-09-10
گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلماسلىقنى تەكىتلەشتى.
2020-09-10
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېي دىسنېي شىركىتىنىڭ «مۇلەن» ناملىق فىلىم كۆرۈنۈشلىرىنى جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە سۈرەتكە ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2020-09-10
9-سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى كەچتە «نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2020-09-10
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلاردا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئوقۇتقۇچى يۆتكەش ئۈچۈن مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئاجراتقان.
2020-09-10
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تېررىي براندستاند خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» گە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئەۋەتكەن. بىراق مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىر ھەيئىتى ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان.
2020-09-10
ئاتاقلىق ئۇيغۇر كومپوزىتورى ۋە ناخشا چولپىنى مەرھۇم مۇرات ناسىروفنىڭ ئانىسى خاتىرە ناسىروۋا ئالەمدىن ئۆتتى.
2020-09-10
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا «مۇلەن» فىلىمگە ئائىت ھېچقانداق خەۋەر تارقاتماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
2020-09-10
خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتاي ئىشلىگەن تىك توك، ۋىچەت قاتارلىق ئەپلەرىدىن تارقالغان ئۇچۇرلاردا مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مازارلارنىڭ چېقىلىشى ئوتتۇرىغا چىقتى.
2020-09-09
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى كەسكىن مەۋقەسى نۆۋەتتە خەلقئارادا بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئاۋاز قوشۇشى ۋە قوللىشىغا ئىگە بولۇشقا باشلىدى.
2020-09-09
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 9-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا «ئالاھىدە خىزمەت ئورنى پىلانى» ئىجرا قىلىنغىنىغا بۇ يىل 15 يىل بولىدىكەن.
2020-09-09
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش» تورىنىڭ 9-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا 321 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىشىپ دۇنياۋى بىرلىك ھاسىل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ دەرھال مۇستەقىل بىر خەلقئارا مېخانىزم قۇرۇپ چىقىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
2020-09-09
ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىلا ئاز دېگەندە 3 ئورۇندا لاگېر بارلىقى ۋە ئورۇنلىرى، شۇنداقلا بۇ لاگېرلاردا 20 مىڭدىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى.
2020-09-09
دىسنى فىلىم شىركىتى ئىشلىگەن «مۇلەن» فىلىمىنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنىڭ 2018-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سۆرەتكە ئېلىنغانلىقى زور خەلقئارالىق ئىنكاس قوزغىدى.