ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2020-09-09
9-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ «ئىنتېرنېت خەۋەرلىرى» تورىدا كاھال مىلمو (Cahal Milmo) ئىسىملىك ئاپتورنىڭ «پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن سېلىشتۇردى، چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2020-09-09
«نيۇ-يورك ۋاقتى» تورىنىڭ 9-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 160 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسىگە بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇپ، مەزكۇر كومىتېتنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدا ئۆتكۈزۈشنى قايتا ئويلىشىشقا چاقىردى.
2020-09-09
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ 0 پىرسەنتكە چۈشكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.
2020-09-09
9-سېنتەبىر، «ياپون خەۋەرلىرى» تورىدا «گېرمانىيە يېڭى ھىندى-ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى قوللىنىپ، خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئاياغلاشتۇردى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2020-09-09
كاتيا درىنھاۋسېن ب د ت نى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە چاقىرغان.
2020-09-09
2008-يىلى تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى «خەلقئارالىق مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» تەسىس قىلغان.
2020-09-08
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاشنى باشلىغان.
2020-09-08
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تولۇق كونترول قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن كىشىلەردە بۇ ھەقتە تۈرلۈك گۇمانلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ نۆلگە چۈشكەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل تەخمىنلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
2020-09-08
ئىسلامى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىلدى.
2020-09-08
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ مەلۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رايوندىن چىقىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىشنى جىددىي ئويلىشىشقا كىرىشتى.
2020-09-08
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنىڭ بىرى بولغان خوتەن-چارقىلىق تۆمۈريولىنىڭ چەرچەن بۆلىكىدە رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى 7-سېنتەبىردە باشلاندى.
2020-09-08
د ئۇ ق يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش قارارلاشتۇرۇلدى.
2020-09-08
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەققىدە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىدە مۇستەھكەم بىر مەۋقەدە تۇرۇش لازىملىقىنى تونۇپ يەتتى.
2020-09-08
شىۋېتسارىيە پايتەختى بېرندا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن ۋە توپلانغان 23 مىڭ ئىمزا پارلامېنتقا تاپشۇرۇلغان.
2020-09-08
يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان ھىندىستان-خىتاي چېگرا ۋەزىيىتىدە 8-سېنتەبىر كۈنى يېڭى توقۇنۇش بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.