ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-11-24
خىتاي مەركىزىي رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە 22-نويابىر ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق ۋە يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، نازىر تۇرسۇنجان ئەلى «ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە نازارىتىنىڭ تەكشۈرىشىگە ئېلىپ كېتىلگەن.
2021-11-24
ئىسلام دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادىي ۋە تىجارەت ھەمكارلىقى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىستانبۇلدا باشلاندى.
2021-11-24
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نورۋېگىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى چاقىرغان يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2021-11-24
بۇ يىل 12-14-نويابىر كۈنلىرى چېخىيە پايتەختى پىراگادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بولۇپ ئۆتكەنىدى.
2021-11-24
ئامېرىكا ئارمىيەسى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئافغانىستان ۋەزىيىتىدە كۆرۈلگەن بىر زور ئۆزگىرىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا سىقىلىپ كىرىشى بولغان ئىدى.
2021-11-23
يېقىندا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزېيى» ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئاستا سۈرئەتلىك يوقىتىش ئىكەنلىكىنى خۇلاسە تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
2021-11-23
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەرگە چېتىلغان تۈرلۈك زوراۋانلىق خاراكتېردىكى دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ساھەنىڭ دىققىتىدە بولۇۋاتقان مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
2021-11-23
«كۈندىلىك خىرىستىيانلار» تورىنىڭ 22-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ گۇۋاھلىق سوتى ھەققىدىكى ھۆكۈمى 9-دېكابىر ئېلان قىلىنىدىكەن.
2021-11-23
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئانىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ «قىرغىنچىلىق سەپسەتىسىگە قارشى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى» چاقىرغان.
2021-11-23
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى مەزگىللەردە چەتئەللەردە بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتنىڭ «بەختىيارلىق» ۋە «شادىمانلىق» قا تولغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى. يېقىندا ئەنە شۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
2021-11-23
خىتاينىڭ داڭلىق تېننىس توپى ماھىرى، 3 قېتىملىق ئولىمپىك مېدالى ساھىبى پېڭ شۇەي 2-نويابىر كۈنى خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى جاڭ گاۋلىنىڭ ئۆزىگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
2021-11-23
23-نويابىر سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىتاينىڭ ئىنتېرپول ئىجرائىيە كومىتېتىدىكى رەئىسلىك نامزاتىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
2021-11-23
11-ئاينىڭ 21-كۈنى زافەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئۈمىد ئۆزداغ ئەپەندى مادو ماروژنى شىركىتىنىڭ ئالدىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى مادو ماروژنىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.
2021-11-23
مۇھاجىر مەمەتتوختى ئىمىن ئاكا تۈركىيەدە ئۆتكەن 50 يىللىق مۇھاجىرلىق ھاياتىدا تاپقان-تۈگكەنلىرىنى ئانا يۇرتى قەشقەر توققۇزاقتىكى لەڭگەر يېزىسىغا مەبلەغ قىلىپ سالغان. كېيىنكى يىللاردا يېزىدىكى بۇۋىخېنىم مازارلىقىنىڭ بىرقىسمىغا بىر گۈمبەز ياسىتىپ ئەتراپىغا گۈل-گىياھ ۋە مېۋە دەرەخلىرى تىككەن، شۇنداقلا گۈمبەزنىڭ يېنىغا ئۆز قەبرىسىنىمۇ ياساتقان.
2021-11-23
مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئابىدە ئەسىرىدە يازغىنىدەك، 20-ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى باشقا مىللەتلەرنى ئويغاتقان، ئۇلارنى تەرەققىياتقا ۋە ئىلىم-پەنگە باشلىغان بىر مەزگىللەردە، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى غەپلەت ئۇيقۇسىغا چۆمۈپ، تولىمۇ بىخۇتلىشىپ كەتكەن ئىدى».