ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-11-22
تەيۋەننىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ لىتۋادا تەيۋەن ۋەكىلى ئىشخانىسى ئېچىپ، غەيرىي رەسمىي ئەلچىخانا سۈپىتىدە رەسمىي خىزمەت باشلىشى خىتاينى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان.
2021-11-22
ئەنگىلىيە كونسېرۋاتىپ پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى تىم لوۋتون، ئەنگلىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى جازالاش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
2021-11-22
ياپونىيەنىڭ «سانيو شوكاي» ۋە «TSI گۇرۇھى» ناملىق ئىككى چوڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى مەھسۇلاتلىرىغا خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى توختاتقان.
2021-11-22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 21-نويابىر ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، 2017-يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يېڭى تۇرالغۇ نۇقتىلىرىغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئاقلىغان.
2021-11-22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 20- ۋە 21-نويابىر كۈنلىرى 10-نۆۋەتلىك 2-ئومۇمى يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 6-ئومۇمى يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى رايوندا قانداق ئىجرا قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان.
2021-11-22
تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر گۇرۇپپا ياشلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مەركىزىدە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تەسۋىرلەنگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە نەق مەيدان تۈسىنى بېرىدىغان جانلىق كۆرسەتمە مۇنبىرى ئېچىلدى.
2021-11-22
21-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى.
2021-11-22
لاگېر شاھىدلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق ۋە گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىككى ھەپتىگە سوزۇلغان گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشقان.
2021-11-22
گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار گېرمانىيە دائىرىلىرىنى «كۇڭزى ئىنستىتۇتى» نى تاقىۋېتىشكە چاقىرماقتا.
2021-11-22
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» سەۋەبىدىن ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ «خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى» ھەققىدىكى سادالىرى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.
2021-11-21
بۇ يىل 5-ئۆكتەبىر 20-ئەسىردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان مەشھۇر ئەدىب، ئالىم مەرھۇم ئابدۇرەھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى.
2021-11-20
مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
2021-11-19
ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى 25-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە مۇنازىرە ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ئۇلار ئېلان قىلغان يىغىن خاتىرىسىدە بايان قىلىندى.
2021-11-19
نۆۋەتتە غەرب ھۆكۈمەتلىرىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىش ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىش چاقىرىقلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.
2021-11-19
ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ گرۇزىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ تور بېتىدە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەرگەن.