ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-11-19
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جىن ساكى 18-نويابىردىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتتىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2021-11-19
«ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھىرى (تەرەققىيات رايونى) يېقىندا سودىگەر چاقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى جېجياڭ ئۆلكىسى، گۇاڭجۇ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسى بىلەن ئۈچ چوڭ توختام ئىمزالىغان.
2021-11-19
يېقىندا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شىركەتلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنى داۋاملىق بۇ مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىمەكتىكەن.
2021-11-19
خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ھەم خەلقىنىمۇ سۆيگەن مۇنەۋۋەر ئىجادىيەتچى ۋە ناخشىچى مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندى 2020-يىلى 22-نويابىر ئۈرۈمچىدە بۇ دۇنيا بىلەن، ئۆزىنى سۆيگەن خەلقى بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئىدى.
2021-11-19
ھىندىستان كەشمىردىن كەلگەن ۋاسىم ئابدۇللاھ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بوۋىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، كەشمىر ۋە لاداختىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەمدى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى ئېچىپ ياشلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2021-11-19
خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن تەرىپىدىن 2020-يىلى سىنغا ئېلىنغان 8 قىسىملىق سىن فىلىمىنىڭ 5-قىسمىدا ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. خىتاي سەيياھ گۇەن گۇەن ئىشلىگەن 8 قىسىملىق سىن فىلىمىنىڭ 6-قىسمىمۇ ئۇيغۇر دىيارىغا بېغىشلانغان.
2021-11-19
11-ئاينىڭ 19-كۈنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتىپاقىنىڭ 7 كىشىلىك ھەيئىتى گوللاندىيەنىڭ دەنھاك شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن سۆھبەتتە بولغان.
2021-11-19
دۇنيادا 130 دىن ئارتۇق دۆلەتتە شۆبىسى بولغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مېھمانسارايلار زەنجىرى ھېسابلىنىدىغان ماررىيوت (Marriott) مېھمانخانىسىنىڭ چېخىيە پايتەختى پىراگادىكى شۆبىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىغا زال بېرىشنى رەت قىلغان. ۋەقە بۈگۈن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئاخباراتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى.
2021-11-18
«زۇلۇمنىڭ قۇرۇلمىسى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى قانداقتۇر بىرەر شەخس ياكى ئىدارە-ئورگان ئەمەس، بەلكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ ئەڭ تۆۋەندىكى يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرگىچە بولغان بىر پۈتۈن ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئىش بىرلىكى رېئاللىققا ئايلاندۇرغانلىقى تەپسىلى پاكىتلار، سانلىق مەلۇماتلار ھەمدە سىخېما-جەدۋەللەر ئارقىلىق شەرھىلەپ چىقىلدى.
2021-11-18
خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى» دەپ ئەيىبلىشىگە قارىتا ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش» يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنى ئاقلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2021-11-18
لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن 3-قېتىملىق «شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە سەپىرى» پائالىيىتى تۈركىيىنىڭ مەرسىن شەھىرىدە غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
2021-11-18
مەزكۇر مۇسابىقىدە «دۇنيا چېمپىيونى» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر ماھىرلارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.
2021-11-18
ئابلەخەت خوجايېف ئەپەندىنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغان «چىڭ ئىمپېرىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان 18-ئەسىردە»، «مەركىزىي ئاسىيادىكى خىتاي ئامىلى»، «خىتاي تارىخىي مەنبەلىرىدىكى تۈركىي شەھەرلىرى»، «قەدىمكى تۈركلەر تارىخىدىن»، «مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتچىلىك تارىخىغا ئائىت مەلۇماتلار» ۋە باشقا ئىلمىي تەتقىقات كىتابلىرى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.
2021-11-18
2009-يىلى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق تۈرك دۆلەتلەر قۇرغان «تۈرك دۆلەتلىرى كېڭىشى» ياكى «تۈركىي تىللىق دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى»، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، رەسمىي نامىنى «تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى» دەپ ئۆزگەرتكەن.