ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-01-22
پرېزىدېنت بايدېن 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا ئۇنىڭ تاشقىي سىياسەت گۇرۇپپىسى خىتايغا بولغان قاتتىق پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلەشكە باشلىغان.
2021-01-22
خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن-تۈزۈم كومىتېتى مىللىي رايونلارنىڭ ئۆز تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىنى خىتاينىڭ «ئاساسى قانۇنغا خىلاپلىق› دەپ ئېلان قىلغان.
2021-01-22
سابىق ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي ھوكۇمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
2021-01-22
لاگېر شاھىتى سايراگۈل خانىمنىڭ خىتاي جازا لاگېرى ھەققىدە ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللار بايان قىلىنغان كىتابنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسى نەشرگە سۇنۇلغان.
2021-01-22
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 22-يانۋار جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە 2020-يىلى 8-ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمىغان قازاق ئائىلىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
2021-01-22
تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
2021-01-22
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكانى ئۈلگە ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشقا چاقىرغان.
2021-01-22
گېرمانچە مەتبۇئاتلاردا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارارى ئەڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە كەڭ ئورۇن ئالدى.
2021-01-22
خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
2021-01-22
ئابدۇلجان ئازنىباقىيېف 1986-يىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ غەيرەت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.
2021-01-22
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بولۇپمۇ 70-90-يىللىرى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ چوققىسىغا يەتكەن دەۋرى ئىدى.
2021-01-21
مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
2021-01-21
يېقىندا «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات چىققان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتاب فرانسىيىدە فرانسۇز تىلىدا نەشردىن چىقتى.
2021-01-21
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بوررىس جونسون ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەش «ئەدلىيە مەسىلىسى» دەپ كۆرسەتكەن.
2021-01-21
ئوقۇرمەنلىرىمىزدىن بىرى كۇچادا مەمەت ئىبراھىم ئىسىملىك كىشىنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى.