ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-11-30
خۇسۇسىيلارنىڭ ئۆيلىرىنى باشقىلارغا ئىجارە بېرىش ۋاكالەتچىلىكى بىلەن داڭق چىقارغان Airbnb شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەنلەرگە قاراشلىق جايلارغا سېلىنغان 14 ئىجارە ئۆينى ئىجارە بېرىش تىزىملىكىگە قوشقانلىقى يېقىندا ئامېرىكادىكى كۆپچىلىككە تونۇشلۇق Axios تورىنىڭ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدە دەسلەپكى قەدەمدە پاش بولدى.
2021-11-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقى بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يەنە بىر ياقتىن دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت پائالىيىتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆپلەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشى دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.
2021-11-30
ئۆتكەن ئايدا ئۆرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى نۇرمەمەت يۈسۈپنىڭ ئىككى ئاي ئاۋۋال «ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلىقى» ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەن ئىدى.
2021-11-30
دۇنيا زىبۇزىننەت ۋە كىيىم-كېچەك سودىسىدىكى بايراقدار شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان Zara شىركىتى فىرانسىيەدە ئۆزىنىڭ پارچە سېتىش دۇكانلىرىنى كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتقاندا فىرانسىيە دائىرىلىرى «مەزكۇر شىركەت ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىدىن مەنپەئەتدار بولغان بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن» دېگەن سەۋەب بىلەن بۇ تەلەپنى توختىتىپ قويغان.
2021-11-30
2002-يىلى ئافغانىستاندا قولغا ئېلىنغان 22 ئۇيغۇر مۇساپىر تېرورلۇق گۇمانى بىلەن گۇانتانامو تۈرمىسىگە ئەۋەتىلگەندىن.
2021-11-30
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىندىن-بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئاتالمىش «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى» ئاچقان.
2021-11-30
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 30-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي نېفت-خىمىيە باش شىركىتى بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەملىك قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ «يېشىل» (ساپ) ھېدروگېن ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە قۇرۇلۇش باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ بازا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن «يېشىل» يىللىق ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن.
2021-11-30
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە قۇرۇلغان «كوڭزى سارىيى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كوڭ زى ئىدىيەسىدىن قانچىلىك زوقلانغانلىقى، شۇنداقلا كوڭزىچىلىق ئاساسىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قانچىلىك مەپتۇن بولغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
2021-11-30
28-نويابىر كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى ياشلار قۇرۇلتىيىغا تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن زور ساندىكى ياش ۋەكىللەر قاتناشتى.
2021-11-30
ئاخبارات ۋاستىلىرى گېرمانىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە سەل قارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2021-11-29
«ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى» 27-نويابىر كۈنى يەنە ئىككى نەپەر گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتىنى ئاڭلاپ چىققان.
2021-11-29
ئەنگىلىيەنىڭ خىتاي تېخنولوگىيە شىركەتلىرىدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان.
2021-11-29
2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەشەببۇسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.
2021-11-29
ئامېرىكادىكى بوستون كىلىتلىقلار ۋاسكېتبول كاماندىسىنىڭ ئەزاسى، NBA ماھىرى ئەنەس كانتەر 29-نويابىر فېيسبۇكتا خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىشقا يەنە چاقىرىق قىلغان.
2021-11-29
لوندوننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان داڭلىق قەدىمى چېركاۋ-سانت-بارتولومېۋ چېركاۋىدا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك كلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلىرى كونسېرتى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان.