ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-03-31
قەلبىنۇر سىدىق خانىم گوللاندىيەگە كەلگەندىن بۇيان خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرىنىڭ ئۈندىدار ئېكرانىدا قىلغان تەھدىتلىك سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاتتى.
2021-03-31
ئەنگىلىيە ب ب س(CBB) خەۋەرلەر تورىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى جون جون سۇدۋورس تەھدىتكە ئۇچرىغان ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كۆزلەپ خىتايدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان
2021-03-31
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تۋىتتېر ۋە فەيسبۇكنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە زور تەشۋىقات ھەرىكىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
2021-03-31
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى G-7 دۆلەتلىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن خەلقئارا سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك «ناچار ھەرىكەتلەر» بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايغا زەربە بېرىشنى ۋە شۇنداقلا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن، ئۈنۈمسىز قائىدىلىرىنى تۈزىتىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
2021-03-31
دۇنيادىكى نازارەت كامېرا سىستېمىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتى خىتايدىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ ئادەملەرنى قېشى، كۆزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئوخشاش مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە پەرقلەندۈرەلەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
2021-03-31
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى» يىغىنىنى چاقىرىپ، مۇھاجىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
2021-03-31
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرۇشى تۈركىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلدى.
2021-03-31
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-90-يىللىرى ئۇيغۇر مىللىي تەسۋىرىي سەنئىتىنىڭ خېلى تەرەققىي ئەتكەن.
2021-03-31
30-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ ئادىلايد شەھرىدە يېڭىدىن ئېچىلغان خىتاي كونسۇلخانسىغا قارشى نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
2021-03-30
خىتاي ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گايلې مانچىن ۋە مۇئاۋىن رەئىسى تونىي پېركىنسكە قارىتا جازا تەدبىرى يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2021-03-30
لاگېرلاردا تۇتقۇنلارنى جىسمانىي، روھىي، غۇرۇرى ۋە دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ۋەيران قىلىدىغان جىنسىي تاجاۋۇز
2021-03-30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» نى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
2021-03-30
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشى بىلەن بۇ خىل «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئاساسلىق بازار بولۇۋاتقان غەرب دۇنياسىدا بۇ ماللارنى چەكلەش ھەرىكىتى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشقا باشلىدى.
2021-03-30
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلار ئىچىدە ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭمۇ زور ساننى تەشكىل قىلىدىغانلىقى CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركىيەدىكى يىتىم چوڭ بولۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى زىيارەت قىلىشى بىلەن تېخىمۇ زور كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2021-03-30
ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور قىرغىنچىلىق ھادىسىسىنى پىلتا قىلغان ھالدا خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسىدا بىر زور قارىمۇ-قارشىلىق بارغانسېرى مۇنتىزىم شەكىل ئېلىۋاتقاندا بىر قىسىم ئانالىزچىلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ ئەجەللىك بولغان «ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى» ئارقىلىق خىتاينى چەكلەشكە دەۋەت قىلىشقا باشلىدى.