ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-04-26
ئاۋسترالىيە تاشقىي ئىشلار ۋە سودا مىنىستىرى فرانسىس ئادامسون خانىم يېقىندا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بىر قاتار يىرىكلىككە مەنسۇپ ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
2021-04-26
ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ئىنىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بايان قىلغان.
2021-04-26
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەسىدە زېمىن دەۋاسى قىلىشى ھەمدە رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 25-ئاپرېلدىكى باياناتىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالدى.
2021-04-26
گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنت ئەزاسى مارگىرىتا باۋزى خانىم گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2021-04-26
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي كونتروللۇقىنىڭ يەنە بىر ۋاستىسى يېقىندا يېزا ئاياللىرىنى تەشۋىقات خىزمىتىگە سېلىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بۇ ئەھۋال «ئالاھىدە يېڭىلىق» سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان.
2021-04-26
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «جاسۇسلۇققا قارشى خەۋپسىزلىك ئىشلىرى نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر نىزامنىڭ 26-ئاپرېلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2021-04-26
22-ئاپرېل كۈنى «ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ خەلقئارا مۇنازىرە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.
2021-04-26
يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مىنىستېر نامزاتى ئاننالېنا خانىم نۇتۇقلىرىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ۋە خىتاينى جازالاشنى تىلغا ئالدى.
2021-04-25
بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقساراي ئەمەلدارىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت (G7) گۇرۇپپىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارشى بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىدىكەن.
2021-04-25
ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئېلان قىلغان 2020-يىللىق «يېزىش ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچى» دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي يەنە يازغۇچى، زىيالىي ۋە تەتقىقاتچىلار ئەڭ كۆپ قامالغان دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتقا قاماقتىكى 40 نەپەر ۇيغۇرلار زىيالىيسى كىرگۈزۈلگەن.
2021-04-25
ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىكتورىيە شتاتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «بىر يول-بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشى كېلىشىمى» بىكار قىلىنغان.
2021-04-25
خىتاي قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى ۋە مەبلەغ سالغۇچىسى بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەرلىك خەلق ئارىسىدا خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈنسېرى كۈچەيمەكتە ئىكەن.
2021-04-24
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ۋە يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە پارچىلانغان ئائىلىلەر كرىزىسى شەكىللەنمەكتە.
2021-04-24
ئامېرىكادىن كېيىن كانادا ۋە گوللاندىيەنىڭ، ئەمدى 22-ئاپرىل كۈنى ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى زور ھاياجانغا چۆمدۈردى.