ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-04-23
ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ۋە بەزى كارخانىلارنى جازالىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئىلىدىن ئامېرىكاغا بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار 2021-يىلنىڭ دەسلەپكى پەسلىدە بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2021-04-23
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 21-ئاپرېل يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭدا ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»، «ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
2021-04-23
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قۇمۇل شەھرىدە بىر خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى ئۇيغۇر ۋە بىر قازاق كادىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «8 خىل بەلگىلىمىسى» گە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان.
2021-04-23
گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى — ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشنى رەت قىلىپ، «شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىشتەك كالامپايلارچە ئۇرۇنۇشى» نى تەنقىد قىلغان.
2021-04-23
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى گەيىل مانشىن، ئامېرىكانىڭ ھازىرقى مۇساپىرلار سانى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ماكانسىز قالغان مۇساپىرلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇساپىرلارغا ئىشىكىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
2021-04-23
يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئەڭ دەسلەپتە تىزىمغا ئالغان نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى يازغۇچى ھەققىدە ئىگىلىگەن يەنە بىر قاتار ئۇچۇرلىرىنى رادىيومىزغا يەتكۈزدى.
2021-04-23
22-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى «خىتايدىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا بىر تور يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.
2021-04-23
نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئائىلە جۇدالىقىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل پاجىئەلەر ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا ھەمدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى ئۇلارنىڭ بۇ خىل مۈشكۈلاتتىن خالاس بولۇشىدىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.
2021-04-23
ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا پارلامېنتى ۋە گوللاندىيە پارلامېنىتىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇغان تۆتىنچى دۆلەت ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ.
2021-04-23
گېرمانىيە فېدېرال پارلامېنت ئەزاسى مارگىرىتا باۋزى خانىم 22-ئاپرىل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 17-ماي كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومېتىتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى» مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2021-04-23
22-ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا تەيۋەن پارلامېنتىدا يىغىن چاقىرىلىپ، «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.
2021-04-23
خىتاي ھەر قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كېلىپ بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، خەلقئارالىق ئاخباراتنىڭ بومبارىمانىدا جىنايىتى ئاشكارىلانغاندا ۋە بۇنىڭغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە ئالدى بىلەن ئەركىن ئاسىيانى نىشانغا ئالىدۇ.
2021-04-23
ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
2021-04-23
د ئۇ ق رەئىسىنىڭ گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار مېركىلدىن نېمىنى كۈتىدۇ؟» ناملىق ماقالىسى زور تەسىر قوزغىدى.