ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-08-31
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 30-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا «53-قېتىملىق شىنجاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» ئۆتكۈزدى.
2021-08-31
ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن بىر يۇقىرى پەللە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىدىكى ساقچىخانا قۇرۇلۇشى» نىڭ پۈتۈن رايون مىقياسىدىكى كېڭىيىشىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.
2021-08-31
2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىزچىل ھەرقايسى ساھەنىڭ بايقۇت قىلىش چۇقانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارا ئىپادە قىلدى.
2021-08-31
ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن شەمسىيە ھاجىبەگ ئاتۇشتىكى ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى بولۇپ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرىدىنلا 14 نەپىرىنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمايۋاتقانىدى.
2021-08-31
كابۇلدىكى خامىد كارزاي ئايرودرومىدىن 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە موھتاج كىشىلەر كۈنىگە نەچچە ئون ئايروپىلان ئارقىلىق ئافغانىستاندىن يۆتكىلىشكە باشلىغانىدى.
2021-08-31
يېقىندا نورۋېگىيەنىڭ يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتچىلىرىنىڭ غايەت زور سوممىلىق بانكا ئامانەت پۇللىرىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمىگەن ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە پاي مەبلىغى قىلىپ سالغانلىقى مەلۇم بولغان.
2021-08-31
ئامېرىكادىكى ھاكىمىيەت تۇتقۇچى ئىككى پارتىيەنىڭ بىرى بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قارمىقىدىكى «ئامېرىكا ئالىي مەكتەپ دېموكراتلىرى» ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى 30-ئاۋغۇست كۈنى رەسمىي قارار ئېلىپ «شەرقىي تۈركىستان\شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ‹تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇش› نامىدىكى زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت،» دەپ كۆرسەتتى.
2021-08-31
گېرمانىيەدە ھوقۇق يۈرگۈزىۋاتقان 6 چوڭ پارتىيەنىڭ ھەممىسىلا گېرمانىيەنىڭ خىتاي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش تەرەپدارى بولۇپ چىققان.
2021-08-31
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، «خىتاي تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى جېين گاللېي يېقىندا ئۆز ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2021-08-31
30-ئاۋغۇست كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تونۇلغان يازغۇچى، ژۇرنالىست، «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ قازاقىستاندىكى سابىق مۇخبىرى ئالىمجان باۋۇدۇنوف 73 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2021-08-30
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئىككىنچى قېتىملىق تۆت كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ 10-سېنتەبىر باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلغان.
2021-08-30
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن خىتاي تاشقى مىنىستىرى ۋاڭ يى 29-ئاۋغۇست تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
2021-08-30
ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، خىتاي تەشۋىقاتلىرى «كابۇلنىڭ قولدىن كېتىشى ئامېرىكانىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولغانلىقى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
2021-08-30
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 30-ئاۋغۇست «مەجبۇرى غايىپ بولغانلار خەلقئارا كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتلەرنى بارلىق مەجبۇرى غايىب قىلىنغان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ كېلىشكە، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋە بۇ خىل دېلولار ئۈستىدىن مۇستەقىل ھەم تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.
2021-08-30
خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ 27-ۋە 28-ئاۋغۇست كۈنلىرى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ چېڭدې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى» دا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنى تېخمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەن.