ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2021-08-30
تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم ئاچقان «تالانتلىقلار باغچىسى» ناملىق رەسىم كۇرسى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
2021-08-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن بولغان چەك-چېگراسىنى ئايرىشى ۋە ئۇلارغا زەربە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
2021-08-30
ئالىكساندېر گۆرلاخ ئەركىن دۇنيانىڭ دۇنيا تېنىچلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىتكە ئايلانغان خىتايدىن يىراقلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى.
2021-08-30
خىتاينىڭ داڭلىق «شېن ئاياللار مودا كىيىملىرى شىركىتى» خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنى كەمسىتكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، باشقا بىر ئىشقا تونۇشتۇرۇش ئورنىنىڭ ئۇلارنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2021-08-30
ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتە ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
2021-08-30
خىتاي بىلەن تالىبانلارنىڭ دوستلۇقى مىنىستىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ئافغانىستان ھۆكۈمىتى غۇلاپ چۈشتى.
2021-08-29
ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلانغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرى ئىمپورتىنى تۇتۇپ قېلىشقا باشلىغان.
2021-08-29
خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسىنى مۇئەييەن دەرىجىدە كونترول قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما چوشقا قىزىتمىسى ۋىرۇسىنى تىزگىنلەشتە مەغلۇپ بولغان.
2021-08-27
15-ئاۋغۇست تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستاننى كونترول قىلغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى نۇرغۇن كىشىلەر ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ، چەت ئەللەرگە قېچىشقا باشلىغان ئىدى.
2021-08-27
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلەنگەن بىر ۋاقىتتا، يەركەن ناھىيەسىنىڭ جايتېرەك كەنتىدىكى 1800 ئاھالىنىڭ شۇ كەنتتىكى كارخانىلاردا ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئاشكارلاندى.
2021-08-27
خىتاي ھۆكۈمىتى «تېرورلۇقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ‹ئەلالاشتۇرۇش› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم،» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىدى.
2021-08-27
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 26-ئاۋغۇست نۇتۇق سۆزلەپ، ئافغانىستاننىڭ كابۇل ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېرورلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا بەدەل تۆلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2021-08-27
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىنتېرنېت ئالاقە باشقارمىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تور بىرلەشمىسى» نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان.
2021-08-27
ئامېرىكىدىكى «تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ تورىدا 26-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
2021-08-27
ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان تالىبانلارنىڭ قاتار پايتەختى دوھادىكى سىياسىي ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى، ئافغانىستاندا خىتايغا قارشى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ يوقلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئافغانىستاننى بازا قىلىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.