ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-12-09
د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 9-دېكابىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى» دە ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىشلار ئېلىپ باردى.
2022-12-09
ئەنگىلىيە پارلامېنت ئەزاسى، ئەنگىلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر كاندىداتى رېيچېل رېۋېس، ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادتا خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشىنىڭ زۆرۈرلىكى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى، ئەنگىلىيەنىڭ ئىقتىسادى بەرداشلىق بېرىشچانلىقى ئۈچۈن «ئويغىنىش سىگنالى» بولغانلىقىنى ئېيتقان.
2022-12-09
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئائۇستىن لىلويد خىتايغا بولغان ئورتاق ئەندىشىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكانىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلىق بومباردىمانچى ۋە كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاۋا، قۇرۇقلىق ۋە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ قەرەللىك نۆۋەت ئالمىشىشى كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2022-12-09
خىتاي دائىرىلىرى 24-نويابىر ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىنادا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدىن كېيىن كوۋىد چەكلىمىسىنى بوشاتقان بولسىمۇ، لېكىن رايوندا «شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2022-12-09
9-دېكابىر تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام جامەسىنىڭ مەيدانىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2022-12-09
ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسى ئامېرىكا ۋەتەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالىخاندرو مايوكاسقا خەت يېزىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى، ھۆكۈمەتنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە پىلانى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكنى چەكلەش مەقسىتىدىكى بۇ قانۇندىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.
2022-12-08
8-نويابىر ئامېرىكانىڭ جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نىڭ قارشى ئېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2022-12-08
52 ئۇيغۇر تەشكىلاتى بىرلەشمە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى شى جىنپىڭنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان.
2022-12-08
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاساسىي قانۇن كۈنى» بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
2022-12-08
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدىكى بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ھەمدە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان پاجىئە بىر ھەپتىدىن بۇيان دۇنياۋىي تاراتقۇلاردا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا جىددىي مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
2022-12-08
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ چەتئەللەردە قۇرغان مەخپىي ساقچى پونكىتلىرى _ «چەتئەلدىكى 110» نىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشى، خەلقئارادا بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە كۈچلۈك دىققەت ۋە مۇنازىرە قوزغىدى.
2022-12-08
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە خىتاينىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى نامايىشلار دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر ۋاقىتتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا زىيارەتكە بارغان.
2022-12-08
فوكس خەۋەرلىرى» تورى 8-دىكابىر ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، ۋول-سترېت كوچىسىدىكى خىتايغا «داۋاملىق مەبلەغ سېلىش» نى تەشەببۇس قىلغۇچى ئىككى چوڭ شىركەتنى تەنقىتلىدى.
2022-12-08
ئامېرىكا «دېموكراتىيەنى قوغداش فوندى»، خىتايدىكى «يولۋاس ئورۇندۇق»نى ئىشلەپچىقارغان تيەندى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان