ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-11-30
24-نويابىر كۈنى، ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونىدىكى «جىشاڭيۈەن» ئائىلىلىكلەر قورۇسى ئىچىدىكى بىناغا كەتكەن ئوت نەچچە ئونلىغان جانغا زامىن بولدى.
2022-11-30
ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا جەم بولغان ئۇيغۇرلارنى تۈرك ساقچىلىرى قاتتىق قوللۇق قىلىپ تارقاپ كېتىشكە زورلىدى ۋە تۇتقۇن قىلىپ چېگارادىن چىقىرىۋېتىش بىلەن تەھدىت قىلدى.
2022-11-30
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە لاگېر شاھىتلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدىكى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە يەرلىك پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى.
2022-11-30
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) 29-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» (Uyghur Policy Act) نى قوللاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە قامال سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك قورال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2022-11-30
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد رەھبىرى ۋە سابىق باش سېكرىتارى جياڭ زېمىن 30-نويابىر كۈنى شاڭخەيدە 96 يېشىدا ئۆلگەن.
2022-11-30
ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ ئون نەچچە چوڭ شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قامال سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى قوزغالغانىدى.
2022-11-30
24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى خىتاينىڭ «يۇقۇمنى قامال قىلىش» سىياسىتىنىڭ قورقۇنچلۇق ئاقىۋىتىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتكەندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرى بۇ سىياسەتكە قارشى نامايىش قىلغانىدى.
2022-11-30
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس، كورلا ۋە قەشقەردىمۇ نامايىشلار يۈز بەرگەن.
2022-11-30
ب د ت نىڭ «ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتى» ئىنتايىن كۈچلۈك ئىبارىلەر بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.
2022-11-29
11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك رايونى «جىشاڭيۈەن» ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرمۇنچە ئادەمنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.
2022-11-29
1934-يىلى كىرىشى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كېتىدۇ.
2022-11-29
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ھىمالايا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى بىلەن تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى بىرلىكتە «شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا خىتاي مۇستەملىكىلىرىنىڭ تەقدىرى» ناملىق تور يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
2022-11-29
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 24-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر زور شۇم خەۋەر بولغانلىقى مەلۇم.
2022-11-29
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەر تورى» نىڭ 29-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن خىتاينىڭ جېڭجۇ، چاڭشا، لەنجۇ، خەيكۇ قاتارلىق ھەرقايسى شەھەرلىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ 30-نويابىردىن باشلاپ نورمال ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.