ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-11-16
ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوپېر ۋراي ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنىدا، خىتاينىڭ تىك-توك ئارقىلىق ئامېرىكا ئابونتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2022-11-16
«تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەند شەھىرىدە ئۇچرىش، يىغىن ئاچقان.
2022-11-16
«20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى»غا قاتنىشىۋاتقان ئەنگىلىيە باش مىنستىرى رىشى سۇناك، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرۈشۈشنى بىكار قىلغان.
2022-11-16
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئۈچ ئادەمنى نەق مەيدان تور يىغىنىغا «ئۈرۈمچى» دېگەن خەتنى يوللىغىنى ئۈچۈن، «باشقىلارنى كۈشكۈرتكەن، ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزغان» دېگەن جىنايەت بىلەن تۇتقان.
2022-11-16
15-نويابىر كۈنى شېۋىتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى پەرھات تۇرسۇنغا «تۇخولىسكى مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.
2022-11-16
مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەسىرىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2022-11-15
ئامېرىكا تور بىخەتەرلىك شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونلىرىنىڭ يامان غەرەزلىك ئەپلەر بىلەن يۇقۇملاندۇرۇلۇپ، جاسۇسلۇق قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2022-11-15
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې ستىنبېرگ ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق مۇستەملىكىگە قارشى تۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
2022-11-15
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادى ۋە خەۋپسىزلىك تەپتىشى كومىتېتى، خىتاينىڭ ئىقتىساد-سودا ۋە خەۋپسىزلىككە ئائىت قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك 2022-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان.
2022-11-15
گوللاندىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كاپىتان دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئوفىتسېرى مۇنىردىن يادىكارنىڭ قومۇلدا ياشاۋاتقان ئانىسى ئىمانەم نەسرۇللا بىلەن يەڭگىسى ئايخان مەمەت 2018 - ۋە 2019- يىللىرى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.
2022-11-15
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا 5 ئاي بولغان بولسىمۇ، بىڭتۇەن ئىشلەپچىقارغان چىلان قاتارلىق قۇرۇق مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىدا داۋاملىق سېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
2022-11-15
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرىشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىلى، تۇرپان، كورلا، شىخو قاتارلىق «يۇقۇمنىڭ خەتىرى تۈگىگەن رايونلار»دىكى ھاياتنىڭ نورماللاشقانلىقى، ھەرقايسى ساھەنىڭ تەدرىجى ھالدا ئىلگىرىكى ھالەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
2022-11-15
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 2022-يىلى ئۆكتەبىرگىچە بولغان ئون ئاي ئىچىدە، تاشقىي سودا قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە خىتايدا بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىشى گۇمان قوزغىدى.
2022-11-15
كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گەپ يورغىلىتىپ، «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشى تەنقىدكە ئۇچرىدى.
2022-11-15
«بۆسۈش ئىنىستىتۇتى» ئاقىللار مەركىزى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىغا مۇناسىۋەتلىك سەلبىي ھادىسىلەرنى سىستېمىلىق شەرھىلەپ چىقتى.