ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-12-13
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «باغۋەنچىلىكنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئون تۆتىنچى 5 يىللىق پىلانى» نى تۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق بادام مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ۋە كەلگۈسىدە بۇ رايوننى «بادام بازىسى» غا ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.
2022-12-12
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان خىرىسلارنىڭ بىرى چەتئەل تۇپرىقىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر بوغۇنلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قانداق ۋە قانچىلىك ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ.
2022-12-12
«كىشىلىك ھوقۇققا دائىر تىلشۇناسلىق قوللانمىسى» ناملىق چوڭ تىپتىكى قوللانمىغا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر كىرزىسلار كىرگۈزۈلگەن.
2022-12-12
«ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ بىرىنچى سۆھبىتى 9-دىكابىر كۈنى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى.
2022-12-12
بېلگىيە پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە چېتىشلىق شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغان بېلگىيە مەبلەغ فۇندلىرىنى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، بۇ شىركەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىرغان.
2022-12-12
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن شەھەرلەردە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
2022-12-12
د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن 11-10-9-دېكابىر كۈنلىرى ئۇدا ئۈچ كۈن ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.
2022-12-12
ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ ھەپتىدىن باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 10-دېكابىر بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دەنىيال كرىتىنبېرگ بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋە تەيۋەن ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دىرېكتورى لاۋرا روسېنبېرگ، پرېزىدېنت بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت بېرىش، شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىكېننىڭ كېلەر يىلى خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.
2022-12-12
ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىكى خىتاي تىجارەتچىلەر قاينايدىغان بىر مېھمانخانا 12-دېكابىر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇرخانا دائىرىلىرى قوراللىق ھۇجۇمدا يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن 21 كىشىدىن ئۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان.
2022-12-12
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ 2022-يىلى 7-دېكابىر كۈنى سەئۇدىي ئەرەبىستانغا زىيارەتكە كەلدى.
2022-12-09
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 8-دېكابىر بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىردى.
2022-12-09
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) 1948-يىلى 10-دېكابىر كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلغان.
2022-12-09
24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسىدە جان ئۈزگەن قەمەرنىسانىڭ يولدىشى مەمەتئەلى مەتنىياز ۋە چوڭ ئوغلى ئىلياس مەمەتئەلىلەرنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغانىدى.
2022-12-09
ئەنگىلىيەدىكى ھاللام شىفېلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېننىدى تەتقىقات مەركىزى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئائىت يەنە بىر ھۆججەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى.