ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2022-08-31
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت بۈگۈن، يەنى 31-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى رەسمىي ئېلان قىلدى.
2022-08-31
ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى خىتاينى ب د ت نىزامنامىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
2022-08-31
قامال سەۋەبىدىن غۇلجادا ئاھالىلەرنىڭ ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز غۇلجاغا تېلېفون قىلىپ، مەخسۇس بۇ جەھەتتە ئېنىقلاش ئېلىپ باردى.
2022-08-31
8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇيۇشتۇرغان «خىتاينىڭ ئون يىلى: شىنجاڭ» دېگەن تېمىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېچىلدى.
2022-08-31
يېقىندىن بۇيان خەلقئارالىق ئاخباراتلاردا خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆي-مۈلك كرىزىسى ۋە شۇنداقلا خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان چېكىنىش دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. مەتبۇئاتلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ھەر ۋاقىت پارتلاش ئالدىدا تۇرغان بىر بومبىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا.
2022-08-31
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە-چىۋە مەھسۇلاتلىرى: ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلار ئامېرىكا يېمەكلىك دۇكانلىرىدا» ناملىق مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغان.
2022-08-31
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇيغۇر رايونىدا ئالامەتسىز يۇقۇمداردىن 23 ئادەم كۆپەيگەن.
2022-08-31
رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېۋ شۇ كۈنى كېسەل بىلەن 91 يېشىدا ۋاپات بولغان.
2022-08-31
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىغا كىرىپ-چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 3-لىنىيەسى بولغان يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 30-ئاۋغۇست كۈنى قاتناش باشلانغان.
2022-08-31
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەنىڭ ئەتىمەسقۇت رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان-24نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىدا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت فېستىۋالىنىڭ ئاساسىي تېمىسىغا ئايلاندى.
2022-08-30
2-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-تەيۋەن ھىندى-تىنچ ئوكيان خەلقلىرى دىنىي ئەركىنلىك دىئالوگى مۇنبىرىنىڭ يىغىنى 30-ئاۋغۇست كۈنى تەيۋەن پايتەختى تەيبېيدا باشلانغان.
2022-08-30
بۈيۈك ئىمپىرىيەلەر ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان خەلقلەرنىڭ تارىخىي تەقدىرى ھامان ئەتراپتىكى زور كۈچلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ۋە سىياسىي ئويۇنلىرى داۋامىدا قۇربانلىق قىلىۋېتىلىدۇ ياكى ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان «شاھمات تاختىسى» نىڭ بىر پېشكىسىغا ئايلاندۇرىۋېتىلىدۇ.
2022-08-30
مىشېل باچېلېت بۈگۈن، 30-ئاۋغۇست ب د ت دىكى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش نۇتقى سۆزلىگەندە، ئۇيغۇرلار ياكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت دوكلات توغرىسىدا زۇۋان سۈرمىگەن.
2022-08-30
فىرانسىيە يېشىللار پارتىيەسىنىڭ سابىق پرېزىدېنت كاندىداتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى يانىك ژادو ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى تېمىسىدا مەخسۇس يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
2022-08-30
«خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ئۇچرىشىش يىغىنى» دا ھەمكارلىق ۋە پىداكارلىق روھىنى دەۋا سېپىدە ئورتاقلىشىپ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكى» تەكىتلەندى.