ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2024-01-23
بىلگىنىمىزدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ باھالىرىغا قارىتا دېگەن سۆزلىرى باھالاش جەريانىنى كونترول قىلىش ۋە باھالارغا تەسىر قىلىشقا ئۇرۇنۇش مەقسىتىنى كۆرسىتىپ بەردى.
2024-01-23
23-يانۋار كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش بويىچە 45-نۆۋەتلىك قەرەللىك يىغىنى» ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.
2024-01-23
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن 7.1 بال ئېغىر يەر تەۋرەش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئۆلۈم ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
2024-01-23
«فوربېس» ژۇرنىلى 22-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدە، خىتاي ئىقتىسادىدا ئاللىقاچان چوڭ كرىزىس ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، بۇ كرىزىسنىڭ ئامېرىكا 1930-يىل دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي بوھرانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
2024-01-23
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گالىگېر ۋە بۇ كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئالىجاندىرو مايوركاس (Alijandro Mayorkas) قا خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
2024-01-23
خىتاي ھۆكۈمىتى كۈنسېرى چۆكۈۋاتقان پاي چېكى بازىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، 278 مىليارد دوللار سەرپ قىلماقچى بولغان، بۇ مەبلەغ ئاساسەن خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدىكى تارماقلىرىدىن توپلىنىدىكەن.
2024-01-23
مەلۇم بولغىنىدەك، 11-ئەسىردە يېزىپ تاماملانغان بۇ قامۇس، شۇ دەۋر تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە كۈندىلىك ھاياتىنىڭ جانلىق نەمۇنىسىدۇر.
2024-01-22
گۈلپىيە قازىبەگ ئۈچۈن ئېيتقاندا، 2017-يىلى ئۇيغۇر رايوندىكى مىليونلىغان ئىنسانلارغا ئوخشاشلا ئۇنىڭ ھاياتى ئۈچۈنمۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر.
2024-01-22
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال قەرەللىك باھالاش (UPR) خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن 2024-يىلى 23-يانۋار سەيشەنبە كۈنى جەنۋەدە باشلىنىدىغان يىغىندا باھالىنىپ چىقىلىدۇ.
2024-01-22
قازاقىستان پۇقراسى تۇرسۇنئەلى بەگدۆلەت ئۆتكەن ئايدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا تۇغقان يوقلاش زىيارىتى داۋامىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىگەرچىلىكىگە ئۇچرىغان ۋە پاسپورتى تارتىۋېلىنغان.
2024-01-22
ئۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ۋە خىتاي ھەم ئۇنىڭ سىياسەتلىرى، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە ئائىت دىسسېرتاتسىيە، ئىلمىي كىتابلار ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان
2024-01-22
بۈگۈن، يەنى 22-يانۋار جەنۋەدىكى ب د ت باش شىتابىدا «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش يەر شارىۋىي قەرەللىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 45-نۆۋەتلىك يىغىنى» رەسمىي باشلاندى.
2024-01-22
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى 21-يانۋار كۈنى X (تىۋىتتېر) دا بايانات ئۇچۇرى بېرىپ، داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى، ژۇرنالىست قۇربان مامۇتنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
2024-01-22
يېقىندا «دەۋر» ژۇرنىلىدا چىققان بىر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى چەكلىگەن ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە مەلۇم بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ۋە قانۇننىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكانىڭ «يېشىل ئېنېرگىيە» ساھەسىدە خىتايغا بېقىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق چەكلىمەكتىكەن.
2024-01-22
گېرمانىيە يەر شارى ئىلىم-پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ 23-يانۋار كۈنى (يەرلىك ۋاقىت) بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2024-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچە سائەت 2 دە ئۇيغۇر رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يېقىن جايدا 7.1 بال يەر تەۋرىگەن.