ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2024-12-24
يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، 22-دېكابىر ئامېرىكانىڭ پاناما قانىلىغا بولغان كونتروللۇقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ، بۇ قانالنىڭ «خاتا قوللار» غا ئۆتۈپ كېتىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2024-12-24
«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 24-نويابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي تەرەپنىڭ ئىپادىسى ھەربىي قوشۇننى كېڭەيتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئەكس ئەتكەنلىكى مەلۇم.
2024-12-24
مەرھۇمنىڭ كۆپىنچە ھاياتىنى ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، يەنە بىر قىسمىنى بولسا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش بىلەن ئۈچۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى
2024-12-24
گېرمانىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن تەشكىل تاپقان بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىختىلاپلار سەۋەبلىك بۇ يىل 11-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقىتىۋېتىلگەن ئىدى.
2024-12-23
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئارىچىلىقى بىلەن خىتاي ئەرلىرىگە ياتلىق قىلىنىش ھادىسىسىنىڭ يېڭى بىر دولقۇن ھاسىل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا
2024-12-23
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى»، «كانادا تىبەت كومىتېتى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان ئىككى تەشكىلات ۋە ئۇلارنىڭ 20 خادىمىنى جازا تىزىملىكىگە ئالغان. تىزىملىكتىكى كىشىلەرنىڭ 15 نەپىرى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» دىن، قالغان 5 نەپىرى «كانادا تىبەت كومىتېتى» دىن ئىكەن.
2024-12-23
خىتاينىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش ئېھتىياجىنىڭ ئۇنداق ئاسان روياپقا چىقمايدىغانلىقى خىتاينى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق
2024-12-23
مەن بۇ سايلامدىن كېيىن مۈرەمدىكى يۈكنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتىم
2024-12-23
كېلەر ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بايدېن ھۆكۈمىتى 23-دېكابىر خىتاينىڭ ئاپتوموبىللىرىدىن تارتىپ، ئائىلە ئەسلىھەلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىسىدا ئىشلىتىۋاتقان ئەنئەنىۋى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغان
2024-12-23
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 21-دېكابىر كۈنى تەيۋەنگە يەنە بىر تۈركۈم قورال-ياراق سېتىپ بېرىشنى قارار قىلىشى، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان تەيۋەن مەسىلىسىدىكى سۈركىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىپ بېرىش قارارىنى «ئوت بىلەن ئويناشقانلىق» دەپ داۋراڭ سالماقتا.
2024-12-23
خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىملىق ئۆچ ئېلىشتا كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» بىلەن «كانادا تىبەت كومىتېتى» نى نىشان قىلغان
2024-12-23
ئەنگلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى سيۇللا برېيۋىمان ( Suella Braveman) ئەنگلىيە «تېلېگراف» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەنگلىيەگە قارشى جىمجىت ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقى، ئەنگلىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2024-12-23
خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت سودىسىدىكى بۇ ئارتىشتا قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەنلىكى، ئەمما ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىنماقتا
2024-12-20
مۇتەخەسسىسلەر، سۈرىيەدىكى دىراماتىك ۋەقەلەرنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا-شەرقتىكى گېئو-سىياسىي پىلانىنى قايتا ئويلىشىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە كەسكىن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2024-12-20
ئۇنى تونۇيمەن، ئۇ پېنسىيەگە چىقىپ كەتكىلىمۇ خېلى يىللار بولدى. ئۇ پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىمىز ئاز بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەھۋالى بىزگە ئېنىقسىز