ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2024-05-08
ھالبۇكى خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› لىنىيەسى بويىچە ئوتتۇرا ياۋروپادىن ئۆتىدىغان تۇنجى پويىزى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بېسىپ، ئىتالىيە زېمىنىغا كىردى.
2024-05-08
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئالاقە مەركىزىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى جېيمېس رۇبىن (James Rubin) خىتاينىڭ ھەر دائىم ئامېرىكانىڭ يامان خەۋەرلىرىنى تارقىتىپ، خىتاينى ماختايدىغان تەشۋىقاتلارنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ يەنە، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
2024-05-08
نۆۋەتتە «تېسلا» شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىدىن «بىۋايدى» (BYD)، «نيو» (Nio) قاتارلىقلارنىڭ توك ئاپتوموبىللىرى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بولۇپ، مەھسۇلات ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھەمدە باھاسى چۈشۈپ كېتىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەن.
2024-05-08
«ۋولقاننى بايقاش» تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 4 يېرىم ئەتراپىدا كۇچار ناھىيەسىنىڭ غەربى شىمالىدىكى 108 كىلومېتىر دائىرىدە 3.8 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولغان.
2024-05-07
غۇلجا ناھىيە تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇماناپ ھاكىمجان 2019-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.
2024-05-07
د ئۇ ق نىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن نۇرغۇن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەر قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
2024-05-07
ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلاردىلا دۇنيا مىقياسىدا مۇئەييەن ھېسداشلىققا ۋە ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى قوللاشلارغا ئىگە بولۇپ كەلدى.
2024-05-07
پاناھلىق تەلىپى قوبۇل بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇساپىرلار قازاقىستاندا قانۇنلۇق تۇرالىسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا پەقەتلا بىر يىل تۇرۇش رۇخسىتى بېرىلىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن بۇ كىشىلەر يەنە قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قايتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
2024-05-07
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى «5-ماي دوپپا بايرىمى» كۈنىگە توغرىلاپ، مەخسۇس «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشۈش» دەپ ئاتالغان يېڭى ھەم ئىجادىي بىر پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئالقىشلىرىغا مۇيەسسەر بولغان
2024-05-07
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زەھەرلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان زەھەرلىك تاماكىنىڭمۇ ئوخشاشلا «موخوركا» دەپ ئاتىلىشىدۇر
2024-05-07
بۇ مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرىگە جايلاشقان 24 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى.
2024-05-07
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تەكلىپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت، خىرىستىيان ۋە فالۇنگۇڭ مۇرتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايدىكى دىنىي ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان ئادەم ئورگانلىرى سودىسىنى توختىتىشقا، بېيجىڭنىڭ 1 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى بۇ رەزىل مەنپەئەت سودىسىنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا چاقىرغان.
2024-05-07
ئامېرىكا روھلاندۇرۇش دورىسىغا قارشى تۇرۇش ئورگىنى مەسئۇلى خىتايدىكى سۇ ئۈزۈش ماھىرلىرىنىڭ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قانۇنسىز دورا يەپ مېدالغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ، «خىتايلار پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ» دېگەن.
2024-05-07
«ئاسمان خەۋەرلىرى» (Sky News) نىڭ 7-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
2024-05-07
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ سېربىيەدىكى رەسمىي زىيارىتىدىن بۇرۇن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) قىسىملىرىنىڭ بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى، يەنى 1999-يىلى خىتاينىڭ سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.