ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2024-08-26
سىنگاپور دۆلەتلىك بايلىق فوندى - «تېماسېك» (Temasek) نىڭ رەئىسى لىم بۇن خېڭ بىلەن ئىجرائىيە دىرېكتورى پىلاي ساندراسېگارا 26-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
2024-08-26
خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل، پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېيىن، كانادانىڭمۇ تاموژنا بېجى قويۇشىغا دۇچ كەلگەن.
2024-08-26
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى بېسىمنى داۋاملىق كۈچەيتكەن.
2024-08-26
بۇ يىل 51 ياشلىق ما گوچياڭ، 2023-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە قانۇن-تۈزۈمگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان
2024-08-26
نۆۋەتتە بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ سودىگەر چاقىرىش ۋە توختام ئىمزالاش باسقۇچى تاماملىنىپ، 203 مىڭ 455 ئائىلىنى كۆمۈر بىلەن ئىسسىنىشتىن توك ئارقىلىق ئىسسىتىشقا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان.
2024-08-23
دەلىللىنىشىچە، «1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن زۇلپىقار روزىھاجى قاتارلىق 3 ئوقۇغۇچى، مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تۈركزات غەيرەت بولۇپ 4 ئوقۇغۇچى «جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەن
2024-08-23
خىتاي ھۆكۈمىتى زور مەبلەغ ئاجراتقان «ئاراتاش سۇ ئىنشائاتى سىستېمىسى» غا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى سۇ قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق، رايوندىكى سۇ مەنبەسىنى، سۇنىڭ ئېقىشىنى ۋە تارقىلىشىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى
2024-08-23
بۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇچراۋاتقان تارىخىي زۇلۇم ۋە تېببىي كەمسىتىشنى نەزەردە تۇتقاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كىلىنىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىشتا جىددىي ئەخلاقىي ئەندىشىلەر بار
2024-08-23
17-ئاۋغۇستتىن 20-ئاۋغۇستقىچە قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق كۆل ۋىلايىتىنىڭ تون يېزىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. فېستىۋال جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىلىرى يېڭىدىن جانلاندۇرۇلدى.
2024-08-23
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» بەرپا قىلىش نامىدا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش جىنايەتلىرى خەلقئارادا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» جىنايىتى ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، 22-ئاۋغۇست كورلا شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھەپتىلىكى» باشلانغان.
2024-08-23
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا تورى» نىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 35-نۆۋەتلىك مۇدىرلار يىغىنى چاقىرغان.
2024-08-23
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كارنىيى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسمى بىلەن مىسىر دېڭىز ئارمىيەسى ئىككى تەرەپنىڭ بەش كۈنلۈك تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرا دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.
2024-08-23
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 23-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان (Jake Sullivan) كېيىنكى ھەپتە بېيجىڭغا بارىدىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولىدىكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە دائىر مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.
2024-08-23
نەتىجىدە 2019-يىلى 2.5 مىليون ئۇيغۇر ياشايدىغان خوتەن تەۋەسىدە پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى 21 دىن ئاشۇرماسلىق پىلان قىلىنغان
2024-08-23
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلى پىلانى، 2024-يىلىدىن باشلاپ NATO (شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى)نى ھەر يىلى ئاساسلىق كالبىر ئۆلچىمىدىكى 1 مىليون 500 مىڭ دانە ئوق بىلەن تەمىنلەش بولغان.