ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2025-03-12
خىتاينىڭ «شىنخۇا» ئاگېنتلىقى 4-مارت خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ، ئامېرىكا تەرىپىدىن قايتۇرۇلغان 41 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
2025-03-12
12-مارت، فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ ئېۋېرىي شەھىرى سوت مەھكىمىسىدە دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئېۋېرىي ئىنسانىيەت فېستىۋالى» دا خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سىمۋول قىلىنغان قىزىل سىر چېچىۋېتىش ۋەقەسىگە قارىتا سوت ئېچىلىشى كېرەك ئىدى.
2025-03-12
ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، «دۆلەت خەۋەرلىرى» قانىلى رىياسەتچىسى كرىستوفېر كۇمو (Christopher Cuomo) 11-مارت ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پەلەستىندىكى غەززەلىكلەر ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرسىمۇ، ئەمما نېمىشقا ئالاۋىلار ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق نامايىشلارنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
2025-03-12
ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئىشتات قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەش كومىسسارى جېيمىس كاكېيىن (James Kockayne) ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان توكلۇق ئاپتوبۇسلىرىنىڭ باتارېيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زاپچاسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
2025-03-12
يېقىندا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىدىن كېيىن، تايلاندتا قېلىپ قالغان 8 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى يەنىلا ئېنىقسىز ئەھۋالدا تۇرماقتىكەن. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇلارنىڭمۇ 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرغا ئوخشاش تەقدىرگە قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
2025-03-11
26-فېۋرال ئۈرۈمچىدە «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۈەن ۋە ھۆكۈمەت كاتتىباشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان.
2025-03-11
يېقىندا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان بورنېموس كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى (BOURNEMOUTH) دا «بورنېموس ئايروپورتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى» ھەققىدە بىر خەۋەر تارقىتىلدى.
2025-03-11
10-مارت، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان، فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋالار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشىنى فىرانسىيە سوتىغا قايتا ئەرز قىلدى.
2025-03-11
تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆچەت تىكىپ، ئورمان بەرپا قىلىشتىن زادى كىمنىڭ مەنپەئەتلىنىدىغانلىقىمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر
2025-03-11
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ۋەخپىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، تۈركىيە نەشرىياتچىلار ۋە يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ جامىسى ھويلىسىدا ئېچىلغان 42-نۆۋەتلىك «كىتاب ۋە مەدەنىيەت يەرمەنكىسى» دە، ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ سېتىشقا چىقىرىلدى.
2025-03-11
«8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنىدە، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيە پايتەختى توكيودا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتناشقان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ۋە نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
2025-03-11
ئامېرىكا مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ باش تەپتىشى ئاندرېۋ بەيلى (Andrew Bailey) نىڭ رەسمىي تور ھېسابىدىن بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى كوۋىد (COVID-19) نىڭ تارقىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
2025-03-11
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ تورىدا بېرىلگەن باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي كومپارتىيەسى (CCP) نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مونوپوللۇقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، «چەت ئەللىك رەقىب كۈچلەرنىڭ باتارېيەلىرىگە تايىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇرغان.
2025-03-11
تىبەت بۇددا دىنىنىڭ مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما يېڭى كىتابىدا، ئۇزىنىڭ ۋارىسىنىڭ «ئەركىن دۇنيادا» تۇغۇلىدىغانلىقىنى ۋە خىتاي بىلەن ھىمالايا رايونىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2025-03-11
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 11 مارتتىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى باشلىغان.