ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2025-03-13
13-مارت كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەش ھەققىدە قارارنامە ماقۇللىغان.
2025-03-13
خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكالىق تەقىب ۋە نازارەت كامېرا سىستېمىلىرىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان «IPVM» تەتقىقات شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
2025-03-13
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزالىرى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئوقۇشقا كېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان.
2025-03-12
ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن دويىندا چىققان بىر خەۋەردە قەشقەر پەيزىۋاتتا بىر ئاھالىنىڭ چۈشتە غىزالىنىۋاتقانلىقىنى ۋىدىيوغا ئېلىپ، ئۆزىگە مەسئۇل كادىرغا يوللىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
2025-03-12
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 10-مارت كۈنى مۇتلەق كۆپ ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توسۇش، چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا ۋەزىپە بېرىش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
2025-03-12
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسى رايوندىكى 144 دىن ئارتۇق كارخانىغا تەسىر قىلغانلىقىنى ۋە بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىدىكى «ئەڭ چوڭ توسالغۇ» غا ئايلانغانلىقىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوچۇق ئاشكارا تىلغا ئالغان.
2025-03-12
خىتاينىڭ «شىنخۇا» ئاگېنتلىقى 4-مارت خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ، ئامېرىكا تەرىپىدىن قايتۇرۇلغان 41 پارچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
2025-03-12
12-مارت، فىرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ ئېۋېرىي شەھىرى سوت مەھكىمىسىدە دىلنۇر رەيھاننىڭ «ئېۋېرىي ئىنسانىيەت فېستىۋالى» دا خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سىمۋول قىلىنغان قىزىل سىر چېچىۋېتىش ۋەقەسىگە قارىتا سوت ئېچىلىشى كېرەك ئىدى.
2025-03-12
ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى، «دۆلەت خەۋەرلىرى» قانىلى رىياسەتچىسى كرىستوفېر كۇمو (Christopher Cuomo) 11-مارت ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پەلەستىندىكى غەززەلىكلەر ئۈچۈن نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرسىمۇ، ئەمما نېمىشقا ئالاۋىلار ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنداق نامايىشلارنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
2025-03-12
ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋالېس ئىشتات قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەش كومىسسارى جېيمىس كاكېيىن (James Kockayne) ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان توكلۇق ئاپتوبۇسلىرىنىڭ باتارېيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زاپچاسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
2025-03-12
يېقىندا تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىدىن كېيىن، تايلاندتا قېلىپ قالغان 8 ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى يەنىلا ئېنىقسىز ئەھۋالدا تۇرماقتىكەن. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇلارنىڭمۇ 27-فېۋرال كۈنى خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرغا ئوخشاش تەقدىرگە قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
2025-03-11
26-فېۋرال ئۈرۈمچىدە «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، بىڭتۈەن ۋە ھۆكۈمەت كاتتىباشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشقان.
2025-03-11
يېقىندا ئەنگلىيەدە چىقىدىغان بورنېموس كۈندىلىك خەۋەرلەر تورى (BOURNEMOUTH) دا «بورنېموس ئايروپورتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى» ھەققىدە بىر خەۋەر تارقىتىلدى.
2025-03-11
10-مارت، فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور دىلنۇر رەيھان، فىرانسىيەدىكى لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋالار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشىنى فىرانسىيە سوتىغا قايتا ئەرز قىلدى.