ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2025-03-05
خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە خىتاي رىۋايەتلىرىدىكى ئوبراز «نېجا» ھەققىدە يېڭىدىن ئىشلەنگەن كارتون فىلىم خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە قويۇلغان. ئارقىدىنلا، فىلىمنىڭ تارقىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى ھەر يەردە فىلىم ھەققىدىكى تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.
2025-03-04
قازاقىستان پۇقراسى جانات جېڭىزنىڭ يۇرتى ئالتاينىڭ قابا ناھىيەسىگە تۇغقان يوقلاشقا بارغىنىدا، ئانىسىنىڭ تارتىۋېلىنغان يېرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، 9-فېۋرال كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ناكا قىلىنغانلىقى 14-فېۋرال كۈنى ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى.
2025-03-04
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇر مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشىنى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى چۇقانلار داۋاملاشماقتا.
2025-03-04
خىتاي 26-فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نى ئاچقان. مەزكۇر يىغىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلغان.
2025-03-04
مەركىزى ئەنقەرەدىكى «يەر شارى ئايال ئادۋوكاتلار ئادالەت مۇنبىرى» يېقىندا «شەرقىي تۈركىستان بالىلار ئەمگىكى» ناملىق دوكلاتنى ئېلان قىلدى ھەمدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تونۇشتۇردى.
2025-03-04
«شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق بۇ ئابىدە ئەسەر مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا سىياسىي مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يىللاردا، يەنى 1936-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان ئىدى.
2025-03-04
28-فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيا شەھىرىگە جايلاشقان تۈركىيە سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2025-03-04
تايلاند دائىرىلىرى خىتاي تەرەپنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك بەرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كېتىشىگە يول قويغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن تايلاند كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەزكۇر 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتىش ئارزۇسىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تايلاند ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان.
2025-03-04
«شىنخۇا تورى» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ قوشۇمچە 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2025-03-04
«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغان پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى ئىقتىسادى ئېشىشنىڭ توختاپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.
2025-03-04
«CBS» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يولغا قويغان تاموژنا بېجىدىن قاچقان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرى خىتايدىن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كامبودژانىڭ «ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى» غا كۆچۈپ كەلگەن. ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كامبودژاغا سالغان مەبلىغىنىڭ پارتلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.
2025-03-04
«شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ 4-مارتتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» خىتاينىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
2025-03-03
تايلاندتىكى 48 نەپەر ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن مەزگىلدە، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەلگە قېچىش سەۋەبى ۋە ئۇچرىغان تىراگېدىيەسىنى خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە باغلاپ تەھلىل قىلغانىدى.
2025-03-03
تايلاند تۈرمىسىدە تايلاند چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى سەۋەبى بىلەن 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ھەمدە ئۈچىنچى بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يولىدا كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، 27-فېۋرال كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى مەخپىي ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.
2025-03-03
ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دېموكراتىك دۆلەتلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تايلاندنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايغا قايتۇرماسلىققا چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئاشكارا بولدى.