ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2025-03-15
خىتاينىڭ 4-مارتتىن 9-مارتقىچە بېيجىڭدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرى ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ۋە خىتايغا مايىل دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنى ماختايدىغان خەۋەرلەرنى بەرمەكتە.
2025-03-14
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 11 يىللىق تۇتقۇننى باشتىن كەچۈرگەن 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدە خەلقئارادا ئەڭ زور مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلاردىن بىرى بولدى.
2025-03-14
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا بەزى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىدا ئاددىي سۆزلەرنىمۇ تەلەپپۇز قىلالمايۋاتقان ۋىدىيولار تارقالغان.
2025-03-14
ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتايغا 24 مىليارد دوللار جەرىمانە قويغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىمۇ كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا يېڭىدىن بەس-مۇنازىرىلەر قايناپ كەتتى.
2025-03-14
خىتايدىكى ئورگان ئەتكەسچىلىكى پاش قىلىنغان «دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىچكى ئەزالار» ناملىق بىر فىلىم 2023-يىلىدىن بۇيان كانادا، ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە تۈرلۈك خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋاللىرىغا تاللانغان ۋە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنىدى.
2025-03-14
2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدىكى 16-سوت مەھكىمىسى، ئەركىن ئابدۇۋەلى ئۈستىدىن سوت ھۆكمى چىقىرىپ، ئەركىن ئابدۇۋەلى خىتايدا زۇلۇم بارلىقىنى تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتايغا قايتۇرۇلسا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2025-03-14
تايلاندنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پۇنتام ۋاچاياچاي 13-مارت مۇخبىرلارغا تايلاند ئەمەلدارلىرىنىڭ 18-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ، 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇلغان 40 ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2025-03-14
تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې 13-مارت تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى يىغىنى چاقىرىپ، يىغىندىن كېيىن خىتاينى «چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچ» دەپ ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ تەيۋەنگە سىڭىپ كىرىشىگە قارشى ھەربىي سوتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ تەيۋەننىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى «چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچ» دەپ ئېلان قىلىشى، دەپ قارالماقتا.
2025-03-14
ياۋروپا پارلامېنتى 13-مارت قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، تايلاندنىڭ 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تايلاندنىڭ سودا مىنىستىرى بۇنىڭ تايلاند-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەركىن سودا سۆھبىتىگە توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئىمزالىنىشىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
2025-03-14
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركۇ رۇبىيو 14-مارت تايلاندنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2025-03-14
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 171 كان تۈرىنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى سېتىشقا چىقارماقچى بولغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشىدا چوڭ تىپلىق سانائەت قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەركەزلىشىدىغانلىقى، بۇنىڭدا مىس، تۆمۈر، ئالتۇن، لىتېي قاتارلىق قىممەتلىك مېتال ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشىنىڭمۇ يەنىلا نۇقتىلىق تۈرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
2025-03-13
ئامېرىكانىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمىنى يوشۇرغانلىقى ۋە كېرەكلىك سەھىيە لازىمەتلىرىنى باستۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ سۇنغان ئەرزى نەتىجىلەنگەن.
2025-03-13
تايلاند ھۆكۈمىتى تايلاند تۈرمىسىدىكى 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكا، ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بەزى دۆلەتلەر ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.
2025-03-13
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە «ئۈچىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» ھەمدە بۇنىڭغا يانداش ھالدا «ئۇيغۇر ياشلىرى كېڭىشى» ئۆتكۈزىدىكەن.
2025-03-13
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۈستىدىن مەلۇمات توپلاش ھەمدە خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغان مەمەت ئېزىز سادىققا 12 يىل 6 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان.