87 ياشلىق زىلالىدىن سابىروف نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، تاكى 1945-يىلىدىكى ئوتتۇرا يۆنىلىش ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ھەمدە مىللىي ئارمىيىنىڭ كاپىتان ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولۇپ، باش قوماندانلىق شىتابقا خىزمەت قىلغان ئىدى.
بۇ پروگراممىمىزدا يەنە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر تارىخىغا قىزىقىش ۋە تەتقىقاتلارنىڭ شەكىللىنىش مەسىلىلىرىگە ئائىت بايانلار، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى مەرھۇم زىيا سەمەدىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت تارىخىغا بېغىشلىغان تارىخىي ئەسلىمە خاراكتېرلىق رومانى« يىللار سىرى»دا بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقەلەر بىلەن تونۇشىسىلەر.
«يىللار سىرى» ناملىق روماننىڭ بۇ قېتىم تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا خوجا نىياز ھاجىمنىڭ ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئىشلەش جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ يېڭى روھى دۇنياسى، شېڭ شىسەينىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە قوللانغان چارىلىرى ۋە باشقا ئەھۋاللار بايان قىلىنىدۇ.
0:00 / 0:00