چوڭ ئالدامچىلىق: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىشى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2021.09.02
ئانالىزچىلار: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق تارىخى ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلاندۇردى» خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھارپىسىدا تەييارلانغان سەھنە. 2021-يىلى 28-ئىيۇن، بېيجىڭ.
AP

خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭلا پۈتۈن خىتايغا تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى زور كۆلەمدە تەرغىب قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار دىيارىدا كەڭ كۆلەمدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا، ھەر مىللەت خەلقىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە بەخت يارىتىش يولىدىكى كۈرەش» مۇساپىلىرىنى ئۆگىنىش دولقۇنىنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقلىرىنى، مىللىي تىل يېزىقى، مائارىپى ۋە باشقىلارنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېقىندا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ باشچىلىقىدا مىللەتلەر خىزمەت يىغىنى چاقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى كۈچەيتىشنى كەلگۈسى 100 يىللىق تەرەققىيات بىلەن باغلاپ چۈشەندۈردى ۋە كومپارتىيەنىڭ ئۆتكەن 100 يىللىق مىللىي سىياسىتى تارىخىنى شەرەپلىك دەۋر دەپ سۈپىتىدە باھالىدى.

ئۇنداقتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق مىللىي سىياسىتى تارىخى شەرەپلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ئۆز تارىخىدا ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغان ۋە ۋەدە قىلغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى، ئەركىن فېدېراتسىيە ھوقۇقى ۋە باشقا ھوقۇقلاردىن قانداق يېنىۋالغانلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شەرەپلىك تارىخىمۇ؟

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىگەن 1949-يىلىغىچە بولغان 30 يىلغا يېقىن تارىخىدا باشتىن ئاخىرى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى، مىللەتلەرنىڭ خالىسا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇش، مۇستەقىل بولۇش يولىغا ماڭسا بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇلارنى تۈرلۈك پروگرامما، ھۆججەت ۋە خىتابنامىلىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان ھەم تەشۋىق قىلغانىدى.

1921-يىلى 7-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى رەسمىي قۇرۇلغاندا ئېلان قىلغان ئۇنىڭ خىتابنامىسىدە «تىبەت، شىنجاڭ، موڭغۇلىيەنىڭ خىتايدىن مۇستەقىل بولۇپ چىقىپ كېتىشىنى قوللايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى» سىياسىتىنى ئېتىراپ قىلغان. 1922-يىلى 16-ئىيۇل كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئائىت مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى بىلەن فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇنىڭدا: «موڭغۇلىيە، تىبەت، ۋە خۇيجاڭ (يەنى ئۇيغۇرلار رايونى) مۇختارىيەتنى يولغا قويۇپ، دېموكراتىك ئاپتونوم دۆلەت بولسا بولىدۇ، ئەركىن فېدېراتسىيە پرىنسىپى بويىچە، موڭغۇلىيە، تىبەت، ئۇيغۇر رايونى بىلەن بىرلىشىپ، جۇڭخۇا فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن.

1928-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ موسكۋادا چاقىرىلغان 6-قۇرۇلتىيىنىڭ خىتابنامىسىدىمۇ «بىز مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئايرىلىش ھوقۇقىنى، يەنى خىتاي تەۋەسىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشىنى ئېتىراپ قىلغىنىمىزدىلا بىز ھەقىقىي كوممۇنىست بولالايمىز» دېيىلگەن.

خىتاي كومپارتىيەسى 1931-يىلى جياڭشى ئۆلكىسىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. ئەنە شۇ جڭنخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە خالىسا ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقى بىر ماددا، يەنى 14-ماددا سۈپىتىدە ئورۇن ئالدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئارخىپلار تەتقىقاتچىسى تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 1949-يىلىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ ئۇنى رەسمىي دۆلەت ئاساسىي قانۇن ماددىسى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنىدى.

خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى مەغلۇپ بولۇپ، 1935-يىلى ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغاندا قىزىل ئارمىيە مياۋ، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىش پرىنسىپىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، ئىلگىرى-كېيىن تىبەتلەرنىڭ ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشىنى قوللىغانىدى. خىتاي تارىخچىسى چى پېڭفېي ئۆز ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، 1935-1936-يىللىرى خىتاي كومپارتىيەسى ئازسانلىق مىللەتلەرگە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە فېدېراتسىيەلىك دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسىنى ئەڭ كۆپ تەشۋىق قىلغانىدى. مەسىلەن، كومپارتىيە 1936-يىلى تۇڭگان مۇسۇلمانلار رايونىدىن ئۆتۈش ۋە ئۇ جايلاردا پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن «مۇسۇلمانلارغا خىتابنامە» ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىنى 1940-يىللاردىمۇ ئىزچىل تەكىتلىگەن بولۇپ، ماۋ زېدوڭ ئۆزىنىڭ 1945-يىلى ئېلان قىلغان «بىرلەشمە ھۆكۈمەت توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرىدىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقى، ھەتتا تىبەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 1947-يىلى 10-ئايدا «ئازادلىق ئارمىيە خىتابنامىسى» دە خىتايدا فېدېراتسىيەلىك تۈزۈم ئورنىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان.

تاران ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئومۇمەن، خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى ۋە ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە گومىنداڭنىڭ زەربىلىرىدىن قۇتۇلۇش شۇنىڭدەك ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىش جەريانىدا تاكى 1947-يىلىغىچە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ۋە فېدېراتسىيەلىك تۈزۈم قۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن.

ۋەھالەنكى، 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت توۋلىغان خىتابلىرى ۋە سىياسىي تەشەببۇسلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىرچەتكە قايرىپ قويدى ۋە يەنى بەرگەن ۋەدىلىرىدىن پۈتۈنلەي ياندى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە سىياسىي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل يېنىۋېلىش ئۇنىڭ يالغانچىلىق ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇ ئاجىز ۋاقتىدا بىر خىل، كۈچەيگەندە بولسا باشقىچە سىياسەت قوللاندى. ھەتتا ئۇ ئەگەردە شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە مىللىي ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بولمىغان بولسا ئۇيغۇرلارغا ھازىرقىدەك تۆۋەن دەرىجىلىك مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيەنىمۇ بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. ئەمەلىيەتتە ماۋ زېدوڭنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە مۇستەقىللىق ئەمەس، ھەتتا ھەقىقىي ئاپتونومىيەنىمۇ بېرىش نىيىتى يوق ئىدى.

دېمەك، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ تېخى ھاكىمىيەتنى تولۇق قولغا ئالمىغان ئاجىز ۋە ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دەۋرىدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت تەكىتلىگەن بولسا، 1949-يىلى ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بۇلارنى بىراقلا تاشلىدى ھەمدە بۇ خىل پىكىر ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى ھەم ئەسلەتكەنلەرنى ئىزچىل جازالاپ ۋە باستۇرۇپ كەلدى. تاران ئۇيغۇرنىڭ قارىشىچە، مانا ئەمدى خىتاي تېخىمۇ كۈچەيگەندە بولسا مىللەتلەرنى بىر «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» گە سىڭدۈرۈپ، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش يولىغا ماڭدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.