ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ «ئايروپىلان قازاسى سىرى» نىڭ 69-يىلى (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف سۆھبەتتە. 19947-يىلى، نەنجىڭ.
ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوف سۆھبەتتە. 19947-يىلى، نەنجىڭ.
erktv.com

رۇسىيەنىڭ بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدە چىقىدىغان رۇس تىلىدىكى «بۇريات ھەقىقىتى» ناملىق گېزىت بۇ يىل 16-ئىيۇل كۈنى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى سىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بۇريات ژۇرنالىستى بوتاجاب رادنايېف بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىسى بولغان «ئۇيغۇر» ئايروپىلانىنىڭ بۇرياتىيەدە چۈشۈپ كېتىش سىرى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ماقالىنى ئېلان قىلدى. بوتاجاب رادنايېفنىڭ ئېيتىشىچە؛ ئۆزىنىڭ بارلىق ئېلان قىلىنغان تۈرلۈك مەلۇماتلار ۋە ئۇچۇرلارنى يىغىپ ئىزدىنىشىچە، بۇ ۋەقە يەنىلا سىرلىق ۋە مۇرەككەپ ئىكەن.

بوتاجاب رادنايېف تارقالغان تۈرلۈك مەنبەلەر ۋە ئۇچۇرلار ئاساسىدا ھەم بۇرياتىيەدىكى بىر قىسىم چوڭ ياشتىكى تارىخى شاھىتلار ئارقىلىق 1949-يىلى، 8‏-ئايدا بىر ئايروپىلاننىڭ بۇرياتىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايقال كۆلى بويىدىكى كابانسك شەھىرى يېنىدىكى كابان تېغىدىكى خامار-دابان دەپ ئاتالغان جايدا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئىگىلەپ، 2013-يىلى، كابان تېغىدىكى خامار-دابان دەپ ئاتالغان داۋاندىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن جايغا قارىتا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، شۇ يەردە بىرىنچى قېتىم قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش تەپسىلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاشۇ كابان رايونىدىكى يۇرى موروزوف ئىسىملىك كىشى گېزىتخانىغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1949-يىلى، 8-ئايدا ئاشۇ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننى تۇنجى بولۇپ، يېلانا يېزىسىدىكى ياگودىن ئىسىملىك بىر ئوۋچى بايقىغان بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندىن ئالتۇن تەڭگە، قىممەتلىك گىلەم قاتارلىق بۇيۇملارنى تاپقان.

ئارقىدىن يەنە شۇ كابانسك دېگەن يەردىكى ئولېگ گىشكا ئىسىملىك بوۋاي ئۆزىنىڭمۇ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننى ئىزدەشكە قاتناشقان كىشىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ۋە 1984-يىلى، ئاشۇ خامار-دابانغا چىقىپ، ئايروپىلاننىڭ نومۇرى بار قالدۇق پارچىسى قاتارلىقلارنى كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن.

بىز بوتاجاب رادنايېفنىڭ فەيسېبوك ئادرېسىنى تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ «سىرلىق ئايروپىلان قازاسى» ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا ئۇ يازما ھالدا: «مەن كەسپى تارىخچى ئەمەس، بىراق بۇ ماقالەمدىكى بايانلار ھەققىدە قارشى ئېلىش باھاسى ئاڭلاشقا ناھايىتى قىزىقىمەن. گەرچە، بۇ ۋەقە ھەققىدە كۆپلىگەن ماس كېلىپ قالىدىغان مەلۇماتلار بايقالغان بولسىمۇ، ئەمما بەرىبىر ھازىرغىچە رەسمىي شەكىلدىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يوق. ھادىسە يۈز بەرگەن جايدا تېخىمۇ جىددىي ۋە ئەستايىدىل ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك» دېدى.

بوتاجاب رادنايېف ئاشۇ ئايروپىلاننى ھەيدىگەن بەش ئۇچقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، قىزىق يېرى ئۇلار سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىغا قاتناشقان تەجرىبىلىك ۋە ئوردېنلار بىلەن تەقدىرلەنگەن ئۇچقۇچىلار ئىكەن ھەم ئۇ شۇنداق شارائىتتا بۇ ئايروپىلاننىڭ قانداق بولۇپ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولغان.

مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى، بوتاجاب رادنايېف ۋە ئايروپىلان پارچىلىرىنى كۆرگەن ئولېگ گىشكا ھەم رۇسىيەنىڭ ئا ت ۋ ناملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرلىرى مەزكۇر ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئايروپىلاننىڭ يەنە بەزى پارچىلىرىنى تاپقان بولۇپ، بۇ پارچىلارنى ژۇرنالىست بوتاجاب رادنايېف ساقلىماقتا ئىكەن. رۇسىيەدىكى ئا ت ۋ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىمەكچى بولۇشقان .

بوتاجاب رادنايېف، ئالېكساندىر مىخايلوف ۋە باشقا بىر قىسىم رۇسىيە ژۇرنالىستلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىنىڭ بىر سىرلىق ھادىسە، ئۇنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقى پىكرىدە بولماقتا.

1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى، ئەدەبىياتشۇناس تەتقىقاتچى، مەرھۇم ئاسىم باقى ئۆزىنىڭ «خۇنزىرلىك» ماۋزۇلۇق كىتابىدا 1942-1949-يىللىرى غۇلجىدا خىزمەت قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقلىق ئۇيغۇر دوختۇر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك خادىمى ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا بىشكەكتە سۆزلەپ بەرگەنلىرى بويىچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب سى تەرىپىدىن يوقىتىلغانلىقىنى بايان قىلغان. يەنە بىر نەپەر مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى مەرھۇم ھاشىر ۋاھىدىمۇ تەرىپىدىنمۇ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش قىسمىتىنى دەلىللەشكە تىرىشقان ئىدى. ئومۇمەن، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ خىل گۇمانلىق بايانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە داۋاملىشىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسى ھەققىدىكى مۈجمەل مەلۇماتلىرى ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازاسىدىن كېيىن بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتناشقان سەيپىدىن ئەزىزنىڭ خاتىرىلىرىمۇ رول ئوينىغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن بىرى قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، بۇ ئايروپىلان ھادىسىسىدىن تەخمىنەن 5-6 ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ ، ئەخمەتجان قاتارلىق قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ بىر قىسىم بۇيۇملىرىنىڭ غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىشىدىكى ئەھۋاللاردا گۇمانلىق تەرەپلەر مەۋجۇت ئىكەن.

يېقىندا رۇسىيەنىڭ «سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيەدىكى ئاۋىئاتسىيە ھادىسىلىرى،ۋەقەلىرى، ئايروپىلان ھالاكەتلىرىنى تەكشۈرۈش» ئورنىنىڭ تورىدا ئاشكارىلانغان 1949-يىلى 25-ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان قازاسىغا ئائىت تەكشۈرۈش ماتېرىيالىدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلان 1949-يىلى 24-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە ئالمۇتادىن ئۇچۇپ رۇسىيەنىڭ كراسنايارسكىي شەھىرىگە قونغان ۋە بىر كېچە تۇرۇپ، ئەتىسى 25-ئاۋغۇست كۈنى چىتاغا قاراپ ئۇچقاندا بايقال كۆلى بويىدىكى كابان تېغىغا كەلگەندە تۇيۇقسىزدىن تۆۋەنلىگەن، ئەسلىدە 2400 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچىدىغان جايدا 1200 مېتىر ئۇچۇپ، ئايروپىلان قاناتلىرى تاغدىكى ئارچا دەرەخلىرىگە ئۇرۇلۇپ، ئورمانلىق تاغ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپ پارچىلىنىپ ، كۆيۈپ كەتكەن.

بۇريات ژۇرنالىستى بوتاجاب رادنايېف ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ بۇرياتىيەدىكى ئۆلۈمى»ماۋزۇلۇق ماقالىسىدىمۇ بۇ مەلۇماتلارنى نەقىل ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېزىشىچە، ئايروپىلان كراسنايارسكي شەھىرىدىن ئۈچۈن ، ئىركۇتسكىيدىن ئۆتۈپ، 25-ئاۋغۇست كۈنى كەچ سائەت 5تىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچقۇچى ئىركۇتسكىيدىكى ئايروپىلان باشقۇرۇش ئورنى بىلەن ئالاقىلاشقان ، باشقۇرغۇچى خادىم باشقا ئايروپىلان بىلەن سۆزلىشىۋاتقاچقا ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي، 3 مىنۇتتىن كېيىن قايتا ئالاقىلاشقاندا بۇ ئايروپىلاندىن جاۋاب بولمىغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايروپىلاننىڭ ئايرودروم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولماي غايىب بولغان. 29-ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ كابان تېغىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېگىزلىكتىن باشقا بىر ئايروپىلان تەرىپىدىن بايقالغان، دېمەك، بۇ ئايروپىلان 1949-يىلى 25-ئاۋغۇست كۈنى سائەت 5لەردە چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. ئايروپىلاندا 9 يولۇچى، 5 ئايروپىلان خادىمى، جەمئىي 14 ئادەم بولغان.

لېكىن، خىتاي تەرەپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ 27-ئاۋغۇست كۈنى ئىركۇتسك ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى رەسمىيلەشتۈرۈپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ۋەقە 25-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ھەم ۋەقە يۈز بەرگەن جايمۇ خىتاي تەرەپ تارقاتقان ئورۇن بىلەن ئوخشاش ئەمەس. ئەخمەتجان قاتارلىقلار ئولتۇرغان ئايروپىلان ئىركۇتسكىيغىمۇ قونمىغان.

ۋەھالەنكى، رۇسىيە ژۇرنالىستلىرى ئۆز ماقالىلىرىدە بۇ ئايروپىلان ھادىسىسى ئۆزى يۈز بەردىمۇ ياكى كەلتۈرۈپ چىقىرىلدىمۇ؟ نېمىشقا سەيپىدىن ئەزىز ئوخشاش لىنىيەدە ساق-سالامەت ئۇچۇپ بارالايدۇ دېگەندەك سوئاللارنى قويۇشقان.

دوكتور قاھار باراتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى دەل خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت باشلىشى ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ھەرىكەتنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغان ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تېز ئىگىلىشىنى بەلگىلەپ بەرگەن ۋە ياردەم كۆرسەتكەن ئىدى. ستالىن ۋە ماۋنىڭ پىلانى بويىچە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا توسالغۇسىز كىرىپ ئىگىلىشىگە قارشى ھەر قانداق ھەرىكەت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. مىللىي ئارمىيەدىن ئىبارەت قوراللىق كۈچكە ۋە مىللىي ھاكىمىيەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى مانا شۇنداق ۋەزىيەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئىدى.

رۇسىيەنىڭ بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدە چىقىدىغان «بۇريات ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر ئايروپىلانىنىڭ بۇرياتىيەدە چۈشۈپ كېتىش سىرى» دەپ ئاتالغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى، مەزكۇر ئايروپىلان ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ بۇرياتىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ۋەقە يۈز بەرگەن دەپ قارالغان كابان تېغىنىڭ خامار- دابان دېگەن جايىدا مەخسۇس ئاشۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەر، ۋەقەدە ئۆلگەن بەش نەپەر سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئۇچقۇچىسى ئۈچۈن خاتىرە تېشى ئورنىتىش قاتارلىق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىنغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ« ئايروپىلان قازاسى» ھەققىدىكى سىرلاردا يەنە يېڭى ئۇچۇرلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ يەنىمۇ كەڭ مۇنازىرە قىلىنىشى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت