تۈركىيەنىڭ نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى كۈنسايىن كۈچلىنىپ بارماقتا

ئىدىقۇت تەييارلىدى
2015.09.06


ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مەخسۇس دەرس پروگراممىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن بۇ ساھە بويىچە نۇرغۇن ئاسپىرانت ۋە دوكتورانتلار تەربىيىلىنىپ چىققان ئىدى. بۇ كىشىلەر ھازىر ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى بويىچە تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. بۇ كىشىلەرنىڭ بىرى نەۋشەھىر ھاجىبەكتاش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندىدۇر. ئادەم ئۆگەر ئەپەندى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات İنستىتۇتىدا ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بىر قانچە يىلدىن بېرى نەۋشەھىر ھاجى بەكتاش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەۋاتقان ئىدى. بىز ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى زىيارەت قىلدۇق. ئادەم ئۆگەر ئەپەندى ئالدى بىلەن نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى تونۇشتۇردى.

ئادەم ئۆگەر ئەپەندىنىڭ تەتقىقات ساھەسى ئۇيغۇر فولكلورى بولۇپ، ئۇ بۇ ساھەدە بىر كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئادەم ئۆگەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

دوتسېنت دوكتور ئادەم ئۆگەر ئەپەندىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات ساھەسى ئۇيغۇر فولكلورى بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ئۇ بۇ ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بەردى.

ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، ئادەم ئۆگەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، نەۋشەھىر ھاجىبەكتاش ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ بار ئىكەن.

ئادەم ئۆگەر ئەپەندى يېقىن كەلگۈسىدىكى تەتقىقات پىلانى ھەققىدە توختالدى.

قەدىرلىك ئاڭلىغۇچىلار، نەۋشەھىر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوتسېنت دوكتور ئادەم ئۆگەردىن باشقا يەنە ياش ئۇيغۇرشۇناسلاردىن دوكتور نەشە ئەرەنوغلۇ خانىم بار. نەشە ئەرەنوگلۇ خانىممۇ ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات İنستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ سەنتاكسلىق قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە سېلىشتۇرمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. نەشە ئەرەنوغلۇ خانىم ھازىر نەۋشەھىر ھاجىبەكتاش ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات پاكۇلتېتىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەرسى بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات ساھەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ تەتقىقات ساھام يەنى ئۇيغۇر تىلى، يەنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى. دوكتورلۇق ئىلمىي تەتقىقاتىم تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ سەنتاكسلىق قۇرۇلۇشى ھەققىدە سېلىشتۇرمىلىق تەتقىقات بولدى. ھازىر تۈركىيە تۈركچەسى بىلەن ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ مورفولوگىيىلىك قۇرۇلۇشى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىمەن.»

نەشە ئەرەنوغلۇ خانىم ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تەتقىقات پىلانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيەدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۈركچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر لۇغەت بار. لېكىن بۇ لۇغەت يېتەرلىك ئەمەس. تۈركىيەدە يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىسى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن قوللانما ۋە مەنبە خاراكتېرلىق بىر لۇغەتكە ئېھتىياج بار. ھازىر نەۋشەھىر ھاجىبەكتاش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇئەللىملەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ چوڭ بىر لۇغەت تۈزەشكە كىرىشتۇق. بۇنىڭدىن باشقا مەن دوتسېنتلىق ئىلمىي ماقالىسى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىمشەھىتنىڭ شېئىرلىرى ۋە بۇ شېئىرلارنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقچىمەن.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.