مىللەت قىسمىتى مەركىزى ئاسىيا ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدىكى ئورتاق تېما

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى سۇلتان جامال
ئۆزبېكىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى سۇلتان جامال
RFA/Oyghan

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخىي رومانچىلىق ئەڭ ئېتىبار بېرىلگەن ۋە ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ ژانىردۇر. مەيلى، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بولسۇن ھەر ئىككىلىسىدىلا تارىخىي تېما ئوخشاشلا مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچىلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان تەخمىنەن 300 ئەتراپىدا روماننىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 70 ئەتراپىدا رومان تارىخى ماۋزۇغا ئائىت بولغان. تارىخى ماۋزۇلار بويىچە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، ياسىنجان سادىق، ئابدۇۋەلى ئېلى، مىرزاھىت كەرىمى ، پەرھات جىلان ، ئابدۇللا تالىپ ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مىسال قىلىش مۇمكىن.

ئوخشاشلا قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ رومان ئىجادىيەتلىرىدىمۇ ئوخشاشلا تارىخى رومانلار مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ 40 تىن ئارتۇق تارىخى رومان نەشر قىلىنىپ بولۇنغان.

ئەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1955-يىلى ئاتا-ئانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن، ھازىر ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە ياشاۋاتقان 73 ياشلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى سۇلتان جامال ئەپەندى ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا مول ھوسۇللۇق يازغۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە «سىرلىق غار» (1993-يىلى،ئالمۇتا، يازغۇچى نەشرىياتى)، «دوزاختا تىرىك كۆيگەنلەر» (2011-يىلى، ئالمۇتا ،مىرئەلى نەشرىياتى) «تەڭشەلمىگەن ئالەم» (2014-يىلى، ئالمۇتا، مىرئەلى نەشرىياتى)، «بىز قايسى ئۇيغۇرلار؟» (2017-يىلى، مىرئەلى نەشرىياتى ئالمۇتا) «قۇرباننىڭ بولاي»، «قولدىن كەتكەن ئامەت»، «قىساسكار دۇنيا» قاتارلىق بىر يۈرۈش تارىخى رومانلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان ۋە نەشرگە بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆز رومانلىرىنى ئېنىق تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىياللار ئاساسىدا تارىخى ۋەقەلىك چىنلىقىغا قاتتىق رىئايە قىلىش ئۆلچىمى بىلەن يېزىش ئۇسۇلى تاللىۋالغان.

رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، جۈملىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر رومانچىلىقىنى ئۈچ دەۋرگە ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى دەۋر 1930-يىللارغىچە بولغان سوتسىيالىستىك رېئالىزم دەۋرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋر. بۇ دەۋردە ،بولۇپمۇ 1960-يىللاردا زىيا سەمەدى قاتارلىق ئانا ۋەتەندىن قازاقىستانغا كەلگەن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخى رومانچىلىق مەيدانغا كەلدى. باش تېما ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەش تارىخى بولدى.

ئۈچىنچى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى دەۋر، يەنى ھازىرقى مۇستەقىل قازاقىستان، مۇستەقىل ئۆزبېكىستان دەۋرلىرى بولۇپ، بۇ ئەركىنلىك دەۋرىدۇر. بۇنىڭدا تارىخى ماۋزۇلار روناق تاپقان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 20-21-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقى ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوخشاشلا راۋاجلانغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىيا سەمەدى،مەسىمجان زۇلپىقاروف، خىزمەت ئابدۇللىن، جامال بوساقوف، سۇلتان جامال ، ئىلاخۇن جەلىلوف، خەمىت ھەمرايېف ۋە باشقىلارنىڭ بىر يۈرۈش تارىخى رومانلىرى يورۇققا چىققان.

ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ ئېيتىشىچە، چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىر-بىرى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا سىياسىي، ئىدېئولوگىيە ۋە ئۇسلۇب جەھەتلەردە مەلۇم پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر-بىرىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ ، 1950-1960-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققان يازغۇچىلار- زىيا سەمەدى ، مەسىمجان زۇلپىقاروف ۋە باشقىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى زور بولدى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تىل گۈزەللىكى ۋە تىل بايلىقى، ئىجادىيەت رەڭدارلىقى ۋە ئانا ۋەتەن سۆيگۈسى ھەم مىللىي سىياسىي كۈرەش تارىخى روھى ئېلىپ كەلدى.

ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى سۇلتان جامالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا نەشر قىلىنغان تارىخى رومانلار ۋە تارىخى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئوقۇپ چىققان. ئۇنىڭ يازغانلىرى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچىلار يازغان تارىخىي تېمىلاردا ھەم ئورتاقلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما چىقىش قىلىنغان نۇقتا ۋە ئىپادە جەھەتتە پەرقلەرمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئېلى ياقۇپ بەگ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ھەققىدە ئۈچ توملۇق «بەدۆلەت» رومانىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى «تارىخى ئەمىنىيە» قاتارلىق كلاسسىك ئەسەرلەر، خىتاي مەنبەلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى خام ماتېرىيال قىلغان بولسا، سۇلتان جامالمۇ ياقۇپ بەگ ھەققىدە «قولدىن كەتكەن ئامەت» رومانى يازغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن رۇس ئارخىپ ھۆججەتلىرىنى كۆپرەك مەنبە قىلغان.

پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ قارىشىچە، سۇلتان جامال ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخى رومانچىلىق ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە يازغۇچىدۇر. مەيلى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تومۇرى بىر، قەلبى بىر، تەقدىرى بىر بولغىنىدەك ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى- سەنئىتىمۇ بىر، شۇنىڭدەك تارىخى رومان يازغۇچىلىرىنىڭ يورۇتماقچى بولغانلىرىمۇ ئورتاق، يەنى ئۆز مىللىتىنىڭ سەلتەنەتى، پاجىئەلىك قىسمەتلىرىدىن ئىبارەتتۇر.

20-21-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىي رومانچىلىقىدىكى ئاساسلىق تېمىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى سەلتەنەت دەۋرلىرى ۋە 19- 20-ئەسىردىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە بېغىشلانغان. بولۇپمۇ، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرى ، جۈملىدىن 1930- ۋە 1940-يىللاردىكى ئىككى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تېمىسىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن. 19- ۋە 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق تېمىسى بويىچە «مايىمخان»، «يىللار سىرى»، «ئەخمەت ئەپەندى»، «غېنى باتۇر» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى، «قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى» نامىغا سازاۋەر بولغان زىيا سەمەدى (1914-2001)، 9-ئەسىر ئۇيغۇر قاغانلىقىغا ئائىت «ئوتلۇق چەمبەر»، ۋە باشقا بىر قانچە تارىخى رومان-پوۋېستلارنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى خىزمەت ئابدۇللىن (1925-1989)، ئۇيغۇر 20-ئەسىر سىياسىي قىسمەتلىرىگە بېغىشلانغان «ئىز» ۋە «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرىنىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (1923-1995)، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدىكى «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ ئاپتورى، قابىل يازغۇچى زوردۇن سابىردىن (1937-1998) ئىبارەت مەزكۇر ئەدىبلەر ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەر سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بۇ شەرەپلىك ئورۇننى ئىگىلىشىدە ئۇلارنىڭ تارىخىي رومانلىرى زور رول ئوينىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت