مىللىي ئارمىيىگە 72 يىل: بىر پېشقەدەم جەڭچىنىڭ ئەسلىمىسى (5)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.06.15
milliy-armiyechekinish-305.jpg مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە.
RFA

ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى يېنىدىكى تۈرگەن يېزىسىدا ياشاۋاتقان 89 ياشلىق سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەپەندى ئۆز ھايات مۇساپىلىرىگە ئائىت ئەسلىمىلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇ رايونىدىن ئىلىغا چېكىنىپ چىقىپ، تاكى 1946-يىلى، 7-ئايغىچە ھەربىي خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە گومىنداڭ بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق بىتىمىنىڭ روھى بويىچە مىللىي ئارمىيىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قىسقارتىلىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭمۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنىپ، يۇرتى غۇلجا شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ ھەربىي سەپتىن بوشىغان باشقا مىڭلىغان ياشلار قاتارىدا ئاددىي پۇقرا سۈپىتىدە تىرىكچىلىكىنى باشلىغان.

نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئاقسۇ تەۋەسىدە جەڭ قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئۇرۇش توختىتىپ ئىلىغا چېكىنىش بۇيرۇقى كەلگەندىن كېيىنكى چېكىنىش ۋەقەسى، ئومۇمەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ قەتئىي توختىتىلىشى ۋە 1946-يىلى، 6-ئايلاردا گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، قوشۇنلارنىڭ قىسقارتىلىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ۋەقە مىللىي ئارمىيە جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، جەڭچىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلىلار ۋە نارازىلىقلار ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقان.

1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب تارىخىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن غۇلجىدىن مەخپىي تۈردە ئېلىپ كېتىلىشى مۇھىم بىر سىرلىق ۋەقە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، يېقىندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئەلىخان تۆرە 1946-يىلى، 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، گېنېرال ۋلادىمىر ئېگناروۋنىڭ باشچىلىقىدىكى مەخپىي ھەرىكەت ئارقىلىق غۇلجىدىن ئالماتاغا، كېيىن تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلىپ نەزەربەند قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا خەلقى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، غۇلغۇلىلار پەيدا بولغان. نۇرمۇھەممەت ئەپەندى ئاشۇ غۇلغۇلىلارغا شاھىت بولغان.

نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئەسلىشىچە، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىرەر يىلغا يەتمەي بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋەزىيەت يەنە قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتكەن ۋە گومىنداڭ بىلەن قايتىدىن ئۇرۇش قىلىدىغانلىققا ئائىت سۆزلەر پەيدا بولغان ھەمدە مىللىي ئارمىيىگە قايتىدىن ئەسكەر ئېلىش باشلانغان. ئەمما، بۇ جىددىيلىكمۇ ئانچە ئۇزۇنغا بارمىغان، ئۇرۇشمۇ بولماي، ئاخىرىدا پۈتۈن ئۆلكىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىگە ئائىت تەشۋىقاتلار قىلىنىشقا باشلايدۇ.

نۇرمۇھەممەت ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، شۇنداق قىلىپ، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى كىرىپ ئورۇنلىشىدۇ ۋە ئۇلار كوچىلارنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ، بۇزۇلغان يەرلىرىنى رېمونت قىلىپ بېرىپ، خەلققە ئۆزىنى دوستانە ۋە ياخشى كۆرسىتىشكە شۇنىڭدەك خەلق ئىچىدە ئىجابىي تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.