مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشى ۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.08.10
elixan-tore-twitter.jpg 1944-يىلى قۇتۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرە ئەپەندى. 1099-1946-يىللار.
Social Media

1944-، 1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان سىياسىتىگە ئائىت بىر قىسىم سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرى تارىخىغا ئائىت ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئەنە شۇ سوۋېت ئارخىپلىرى ئارىسىدا 1945-يىلى 9-ئايدا مىللىي ئارمىيە شىخو ۋە جىڭنى ئازاد قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرمۇ بار.

ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى توپلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىغا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيانىڭ 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى ستالىن، مولوتوف ۋە مالېنكوف قاتارلىقلارغا يوللىغان 1945-يىلى، 28-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى دوكلاتى ئورۇن ئالغان. بۇ دوكلاتتا بېرىيا مىللىي ئارمىيەنىڭ ھەربىي غەلىبىلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرى سىياسىي بيۇرودىن بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە يوليورۇق سورايدۇ. بېرىيا دوكلاتىدا 1945-يىلى 28-ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىشتە جىڭدىن باشقا پۈتۈن ئىلى ۋىلايىتىنى، شىمالدا تارباغاتاي ۋىلايىتىنى ۋە ئالتاينى ئاساسىي جەھەتتىن گومىنداڭ كۈچلىرىدىن تازىلىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. بېرىيا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تېزلىكتە ئىچكىرى خىتايدىكى ما بۇفاڭنىڭ 12 مىڭ كىشىلىك دېۋىزىيەلىرىنى يۆتكەشكە باشلىغانلىقىنى شۇنىڭدەك جاڭ كەيشىنىڭ ئىچكىرى خىتايدىكى ياخشى ھەربىي تەلىم تەربىيە كۆرگەن قوشۇنلارنى يۆتكەش ۋە 200 ئايروپىلان ئاجرىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى، بۇ قوشۇنلارنىڭ ئاساسلىق ئۈرۈمچى، جىڭ شىخو ھەم قاراشەھەر نۇقتىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغانلىقىنى بايان قىلغان. ئارقىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى 1945-يىلى، 15-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە» ماۋزۇلۇق بىر پارچە مەخپىي قارارنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ قارار 1945-يىلى، 9-ئايدا جىڭ ۋە شىخونى ئازاد قىلىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان مىللىي ئارمىيەنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىشىنىڭ سىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مانا بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويۇلغان. بۇنىڭدىكى تۈپ سىر ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەت بىلەن، جۈملىدىن ياپونلارنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى.

تۈركىيەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋاقىتتا، يەنى 1945-يىلى، 8-ئاينىڭ 14-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا «دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ شەرتنامىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئىنقىلابنى توختىتىش كېرەك ئىدى.

مەزكۇر شەرتنامىدىن باشقا يەنە قوشۇمچە ھۆججەت ئىمزالانغان بولۇپ، بۇنىڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موڭغۇلىيەنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش، مانجۇرىيەدىكى پورت ئارتۇر (لۇشۇن)، دايرىن ( داليەن) پورتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىراق شەرقتىكى بىر قاتار مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلارغا ياردەم بەرمەسلىك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى قوللىماسلىق قاتارلىق شەرتلەرگە ماقۇل بولغان ئىدى.
سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ 15-سېنتەبىردىكى مەخپىي ھۆججىتىدە: «سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ خىتاي بىلەن ئىمزالىغان دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ھەم شىنجاڭ ھەققىدىكى باشقا بىر قاتار كېلىشىملەر ۋە ئالماشتۇرۇلغان نوتىلارغا ئاساسەن شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭچىلار بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ۋاسىتىچى بولۇشنى زىممىسىگە ئالىدۇ» دەپ ئېيتىلغان.

بۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى پېتروفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتتە ۋاسىتىچى بولۇشقا رازى بولغانلىق باياناتىنى خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گەن نەيگۈەنگە تاپشۇرۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مەركىزى كومىتېت، پېتروف خىتاي تەرەپكە تاپشۇرىدىغان مەزكۇر باياناتنىڭ تېكىستىنى تەييارلاپ بەرگەن.

تارىخىي شاھىتلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مانا شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ ئۆزى ياردەم بېرىۋاتقان مىللىي ئارمىيەنى ھەربىي ھەرىكەتنى ھەممە سەپتە توختىتىشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئەلىخان تۆرە قاتارلىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستىغان. بۇ قاراردىن بىر ئاي كېيىن، 1945-يىلى، 10-ئاينىڭ 15-، 17-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئىككى تەرەپ سۆھبىتى باشلانغان.

سوۋېت ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ جەرياندا يەنە سوۋېت ۋە خىتاي تەرەپ ئارىسىدا بىر قاتار ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 7-كۈنى سوۋېت باش ئەلچىسى پېتروف بىلەن خىتاي تەرەپ ۋەكىلى جاڭ جىڭگو ئارىسىدا مەخسۇس «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدە سۆھبەت بولۇپ، جاڭ جىڭگو، سوۋېت ئايروپىلانلىرىنىڭ 5-سېنتەبىر كۈنى شىخو ئۇرۇش مەيدانىدا گومىنداڭ قوشۇنىغا بومبا تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئارقىدىن 14-سېنتەبىر كۈنى خىتاي تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بۇ مەسىلىدە ئۇلتۇماتوم تاپشۇرۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مىللىي ئارمىيە جەڭچى -ئوفىتسېرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى نېمە ئۈچۈن توختاتقانلىقى ۋە نېمە سەۋەبتىن جەڭ مەيدانىدىن ئارقىغا چېكىنگەنلىكىنىڭ تۈپ سەۋەب-ئامىللىرىنى چۈشىنەلمەي، قاتتىق نارازى بولغان ئىدى.

مەسىلەن، 1945-يىلى 8-، 10-ئايلاردا مىرزىگۇل ناسىروف ۋە سوپاخۇن سوۋۇروفلار باشچىلىقىدا ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدا بولغان، مىرزىگۇل ناسىروپ كوماندىرلىقىدىكى ئايرىم ئاتلىق دىۋىزىيون جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، جەڭچىلەر پەقەت كېيىنرەكلا ئۆزلىرىنىڭ ئاقسۇدىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى ھەم بىتىم بولغانلىقىنى چۈشەنگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللىي ئىنقىلابقا ياردەم بېرىشى ۋە ئاخىرىدا توختىتىشى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى، بولۇپمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىش جەريانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىلى، 9-ئايدا مىللىي ئىنقىلابچىلارغا بېرىدىغان ياردەمنى توختىتىش ۋە ئۇنى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن سۆھبەتكە دەۋەت قىلىش پىلانى ئەسلىدە، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ توختىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يالتا كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن -خىتاي ئارىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت تەرەپ ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا ياردەم بېرىشنى توختىتىشى كېرەك ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، 1945-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا غۇلجادىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ۋەكىللىرى بىۋاسىتە رول ئوينىغان. ئەلىخان تۆرە ۋە باشقا رەھبەرلەر ھەم مىللىي ئارمىيەنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان كوماندىرلىرى ھەربىي -سىياسىي ياردەم بېرىۋاتقان سوۋېت تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى قوبۇل قىلماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مىللىي ئارمىيە مۇنتىزىم قوشۇن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇيرۇققا بويسۇناتتى. ئالدىنقى سەپتىكىلەر غۇلجىدىن بۇيرۇق كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنداق بۇيرۇق كەلمىگەن. نەتىجىدە، ئەلىخان تۆرە قاتارلىق رەھبەرلەر ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەلىپى ئاستىدا گومىنداڭ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش يولىغا ماڭغان. ئەسلىدە مىللىي ئىنقىلابچىلار مەغلۇپ بولۇۋاتقان گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ھېچقاچان خالىغان ئەمەس. بۇ پەقەت ستالىننىڭ خاھىشى بىلەن بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.