مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر قىسمىنىڭ شانلىق مۇساپىسى (1)
2018.03.29
(دىۋىزىيون كوماندىرى ئەسھەت تېيىپوف (1918-2005) خاتىرىلىرىدىن)
تارىخچىلارنىڭ قارىشىچە، 1933-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى مەركىزى ئاسىيا تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە قۇرغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىدۇر. بولۇپمۇ 1944-يىلى قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىسى مەركىزى ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى تارىخىدا، جۈملىدىن مەركىزى ئاسىيا ھەربىي ئىشلار تارىخىدا مۇھىم سەھىپە ياراتقان.
1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى قۇرۇلغان ئاتلىق، پىيادە ۋە زەمبىرەكچى قاتارلىق تۈرلەردىن تەركىب تاپقان مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن ياۋرو-ئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا پەقەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئارمىيىسىدىن باشقا يېگانە بىر ئارمىيە ئىدى. ئەنە شۇ 1940-يىللاردا، تۈركىي خەلقلەردە پەقەت ئىككىلا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت ئارمىيىسى بار بولۇپ، بۇنىڭ بىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئارمىيىسى، يەنە بىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېتلار ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، كافكازىيە رايونىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىي ئارمىيىسى بولمىغان ئىدى.
مىللىي ئارمىيە كوماندىرلىرىدىن توختى ئىبراھىم، زاھىر ساۋدانوف ۋە باشقىلارنىڭ مەخسۇس مىللىي ئارمىيىنىڭ تارىخى مۇساپىسىگە ئائىت يازغان ئەسەرلىرى ۋە مىللىي ئارمىيە تارىخى شاھىتلىرىنىڭ قالدۇرغان ئەسلىمىلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجا شەھىرىدىكى تۇغ مەيدانىدا مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇنتىزىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ھەر قايسى قىسىملارغا ھەربىي بايراق تاپشۇرۇلدى. ئەنە شۇ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يەتتە پىيادە ۋە ئاتلىق پولك، 5 مۇستەقىل دىۋىزىيون ۋە ئېسكادرون قۇرۇلغان ئىدى. بۇ بەش دىۋىزىيون تەركىبىدە مۇستەقىل تۇڭگان ئاتلىق دىۋىزىيونى، مۇستەقىل موڭغۇل ئاتلىق دىۋىزىيونى ۋە مۇستەقىل شىبە ئاتلىق ئېسكادرونى بار بولۇپ، مانا بۇلار مىللىي ئارمىيەدىكى پەقەت مىللىي تەركىبنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان قىسىملار ئىدى، مەزكۇر ئىككى دىۋىزىيون كېيىن پولك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. قالغان قىسىملار مىللەت بويىچە ئايرىلماي پەقەت نومۇر ۋە جاي ناملىرى بويىچە ئاتالدى.
ئەنە شۇ 5 مۇستەقىل دىۋىزىيوننىڭ تەركىبىدە ئۆزگىچە بىر دىۋىزىيون بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونى ئىدى. مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇنتىزىم زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونى ئۆزىنىڭ 5 يىللىق مەۋجۇتلۇق مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. ئۇ يوقلۇقتىن بار بولۇش، مۇكەممەللىشىش ۋە كۈچىيىش، ئاخىرىدا تارقىتىۋېتىلىش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى.
تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىشىچە، مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر (ئارتىلېرىيە) دىۋىزىيونىنىڭ قۇرۇلۇشى قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىلا جەڭلەرگە قاتناشقان، مەلۇم ھەربىي تەلىم تەربىيىگە ئىگە بولغان، مىناميوت ۋە زەمبىرەك قاتارلىقلارنى ئېتىشنى ئۆگىنىپ، ھەرەمباغ، ئايرودروم ۋە باشقا جايلاردىكى گومىنداڭ كۈچلىرىگە مىناميوت ۋە زەمبىرەكلەرنى ئېتىپ چېنىققان پارتىزانلاردىن شۇنىڭدەك باشقا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەردىن تۈزۈلگەن ئىدى. مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى بولغان، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاپ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكى مەرھۇم ئەسھەت تېيىپوف ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا، يەنى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسى، يەنى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتنىشىش جەريانى، مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە جەڭ مۇساپىسى ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. 1918-يىلى تۇغۇلغان ئەسھەت تېيىپوف مىللىي ئارمىيە زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى بولۇشتىن ئىلگىرى، 1933-1934-يىللىرىدىكى قوزغىلاڭلارغا قاتناشقان ۋە ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئابدۇكېرىم ئابباسوف، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئوقۇپ، مەكتەپنى 1943-يىلى پۈتتۈرگەندىن كېيىن غۇلجىغا قايتقان. ئۇ، 1944-يىلى، نويابىردا غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە بىر مەزگىل «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ھەربىي مۇخبىر بولغاندىن كېيىن قورغاستىكى ھەربىي ئوفىتسېرلارنى تەربىيىلەش كۇرسىدا ئوقۇغان ھەم بىر قاتار جەڭلەرگە قاتناشقان.
ئەسھەت تېيىپوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئارتىلېرىيە دىۋىزىيونىنى تەييارلاش ۋە قۇرۇش ئىشى 1945-يىلى، 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان شۇنىڭدەك بۇ قىسىمنى قۇرۇش ئىشلىرىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە، ھەربىي ئىشلار نازىرى ئەخمەتجان قاسىمى ئۆزى بىۋاسىتە ئارىلاشقان ئىدى.
ئەسھەت تېيىپوف باشلىغان 30 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ۋە بىر قىسىم قازاق ھەم تاتار ياشلىرى كەڭسايدا سوۋېت ئىتتىپاقلىق ھەربىي ئۇستازلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە زەمبىرەك، مىناميوتلارنىڭ ھەر خىل تۈرلىرىنى ئېتىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى 6 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆگەنگەن.
مىللىي ئارمىيىنىڭ زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونى رەسمىي تۈردە 1945-يىلى، 8-9-ماي كۈنلىرى گىتلېر گېرمانىيەسى تەسلىم بولۇپ، ياۋروپادا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغان غالىبىيەت كۈنىدە قۇرۇلغان.
دەسلەپتە ئىككى باتارېيە (تارماق گۇرۇپپا) بولغان بولۇپ، بىر باتارېيىدە 4 ئىزۋوت بولۇپ، ھەربىر ئىزۋوتتا 2 دىن زەمبىرەك بولغان.
بۇنىڭدا پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ ئۈستىگە ئاتىدىغان «شاراپنىل»، ئىسكىلاتلارغا ۋە تانكىلارغا ئاتىدىغان «برونىبوينىي» دېيىلىدىغان كۆيدۈرگۈچ زەمبىرەك ئوقلىرى ئىشلىتىش ئۆگىنىلگەن. زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونى ئوفىتسېرلىرى ۋە ئەسكەرلىرى يەنە دۈشمەننىڭ ئوچۇق ۋە يوشۇرۇن ئىستىھكاملىرىغا دەل جايىدا تەگكۈزۈش، ئارىلىقنى ئۆلچەش، دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنىڭ جايلىشىش خەرىتىسىنى سىزىش قاتارلىق بىلىملەرنىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگەن.
مەزكۇر دىۋىزىيوننىڭ مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوتتۇرا يۆنىلىش، شىمالى يۆنىلىشتىكى ھەر قايسى چوڭ-كىچىك جەڭلىرىدە ئوينىغان رولى زور بولدى. مەزكۇر دىۋىزىيون جىڭ، يوڭجىخو، باجاخۇ، شىخۇ ۋە باشقا جايلاردا دۈشمەن ئىستىھكاملىرىنى توپقا تۇتۇپ، مىللىي ئارمىيە پىيادە ۋە ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا ماسلاشتى.