ئايشەمخان - شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ نامسىز قەھرىمانى (2)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019.05.02
milly-armiye-305.jpg مىللي ئارمىيە ئوفىتسېر جەڭچىلىرى
Photo: RFA

باتۇر شەپقەت ھەمشىرىسى

1945-يىلى، 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، سوپاخۇن سوۋۇروف كوماندىرلىقىدىكى ئاقسۇ فرونتىدا جەڭ قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئاتلىق ئېسكادرون ئۇرۇشقا ئاتلىنىش ئالدىدا تېكەس دەرياسى بويىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە، ھەربىي ئىشلار نازىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، يەرلىك مەمۇرىي شەخسلەر، ھەر مىللەت خەلقى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل بايرىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بايراققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىشتى. ئەنە شۇ تېكەستە مىللىي ئارمىيە سېپىغا قوبۇل قىلىنغان ئايشەمخانمۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ ئايال جەڭچىلىرىنىڭ فورمىسىنى كىيگەن ھالدا مەزكۇر جەنۇبىي فرونت ئەترىتىنىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە قەسەمياد مۇراسىمىغا قاتناشتى. تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، جەڭچىلەر ئالدى بىلەن تېكەس دەرياسىنىڭ سۈيىدە تەرەت ئالغاندىن كېيىن، ئەلىخان تۆرىنىڭ ئىماملىق قىلىشىدا كوللېكتىپ ناماز ئوقۇشۇپ، ئارقىدىن بىردەك ھالدا ئۇلارنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلگەن. ئايشەمخانمۇ ئەنە شۇ رەسمىيەتلەرنى بەجا كەلتۈردى. ئەنە شۇ قوشۇننىڭ جەڭچىسى سۈپىتىدە ئەلىخان تۆرە يېتەكچىلىكىدىكى مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان، 2017-يىلى بىشكەكتە ۋاپات بولغان خەمىت كەنجىبايېفنىڭ 2013-يىلى سۆزلەپ بېرىشىچە، مۇراسىم ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولدى ۋە ئەلىخان تۆرە ھەممە جەڭچىنى قۇرئاننىڭ ئاستىدىن ئۆتكۈزگەن.

مىللىي ئارمىيىدە بىرەر ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلىنىش ئالدىدا، ياكى يېڭى بىر قوشۇن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندا ۋە ياكى يېڭى ئەسكەرلەر قوشۇنغا قوبۇل قىلىنغاندا كوللېكتىپ قەسەم بېرىش ئادەت قىلىنغان ئىدى. خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئەسلىشىچە، شۇ كۈنكى قەسەملەرنىڭ مەزمۇنى: «بارلىقىمنى ئىنقىلاب، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن تەقدىم قىلىمەن. بۇ يولدا ئېغىر مۇشەققەتلەرگە، ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلسەممۇ قەتئىي بەرداشلىق بېرىپ، جازالارغا، ئازابلارغا چىداپ، ئەقىدەمدىن ۋە يولۇمدىن قايتمايمەن، ئۆكۈنمەيمەن، ئىنقىلابقا، ۋەتەنگە ۋە سەبداشلىرىمغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلمايمەن، بۇ يولدا بېشىمغا ئۆلۈم كەلسىمۇ قىلچە تەۋرەنمەيمەن، ئەگەر قەسىمىمگە خىلاپلىق قىلىش يۈز بەرسە، ئىككى ئالەم قارا يۈز بولىمەن! . . .» دېگەندەكلەردىن ئىبارەت ئىدى.

خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئەسلىشىچە، تېكەستە بۇ قوشۇنغا كېلىشكەن بىر ئۇيغۇر قىزى ۋە ئۇنىڭ ئېرى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ قىزنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى بولغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۇنىڭمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىر سەپكە تىزىلىپ، قەسەم بەرگەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ قىزنى ئابدۇكېرىم ئابباسوف ئۆزى سىياسىي كومىسسار سۈپىتىدە قوشۇن تەركىبىگە قوبۇل قىلغان ئىدى. خەمىت كەنجىبايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئابدۇكېرىم ئابباسوف بىلەن يېقىن ئاغىنە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئاقسۇ ئۇرۇشىدىمۇ باشتىن ئاخىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ يېنىدا تۇرغان، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قەيسەر مىجەزلىك، باتۇر كىشىلەرنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. شۇڭا ئۇ ئايشەمخاننىڭ قەيسەرلىكىگە قايىل بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى باشقا رەھبەرلەر، يەنى سوپاخۇن، قاسىمجان، داموللا رازى قاتارلىقلار بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ قوشۇنغا قوبۇل قىلغان ئىدى. 

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە بىر قانچە مىڭ خەلقنىڭ غالىبىيەت تىلەپ، گۈللەر چېچىپ ئۇزىتىشى بىلەن ئايشەمخاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي فرونت ئاتلىق قوشۇنى ئاقسۇغا ئاتلىنىپ، خەتەرلىك، مۇزلۇق تىك چوققىلار ۋە ئاق داۋان، قار داۋان دەپ ئاتالغان خەتەرلىك مۇزلۇق داۋانلاردىن ئۆتۈپ، بوزكېرىگى دېگەن يەر ئارقىلىق باينىڭ قىيىر يېزىسىغا چۈشۈپ ئالدى بىلەن ئۇ جاينى، ئارقىدىن 8-ئاينىڭ 9-كۈنى باينى ئازاد قىلدى. 19-ئاۋغۇست كۈنى بولسا قورغاننى ئازاد قىلىپ، ئۇ جايدىكى بىر يېرىم روتا خىتاي قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، 170 دىن ئارتۇق مىلتىق، 17 پىلىموت ۋە باشقا قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى ئولجا ئېلىپ، مۇزداۋان يولىنى ئىگىلەپ، ئىلى بىلەن ئاقسۇ يولىنى تۇتاشتۇردى. بۇ جەرياندا سوپاخۇن كوماندىرلىقىدىكى ئاتلىق ئەترەت ئىلگىرى-كېيىن قىيىر، باي، قورغان، تۇزئاۋات، قىزىلبۇلاق، بوزدۆڭ، جام، كوناشەھەردىكى كەپتەرخانا، زاراتگاھ جەڭلىرى ۋە ئاقسۇ يېڭىشەھەرگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش جەڭلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئايشەمخان بۇ جەڭلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك شەپقەت ھەمشىرىسى سۈپىتىدە قاتنىشىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزدى. يارىدارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا تاماق ئېتىپ بېرىش، يارىسىنى تېڭىش ۋە باشقا خىزمەتلەرنى قىلىپ، جەڭچىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. 

مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كونىشەھەر، يەنى ئونسۇنى ئازاد قىلدى، 7-چېسلا ئاقسۇ يېڭى شەھىرىنى قورشىۋېلىپ، ھۇجۇم باشلىدى. ئەنە شۇ چاغدا ئېسكادرون كوماندىرى بولغان مەرھۇم ئۆمەرجان كەرىموفنىڭ ئەسلىمىسىدە بايان قىلىنىشىچە، 11-سېنتەبىر كۈنى مىللىي ئارمىيە تۇنجى قېتىم ئاقسۇ سېپىلىغا شوتا قويۇپ چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەش جەڭ ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىراق سېپىل ئۈستىدىكى دۈشمەنلەر ئۇلارنى سېزىپ قېلىپ، قاتتىق ئوت كۈچى بىلەن شوتا ئارقىلىق سېپىلغا چىقماقچى بولغان جەڭچىلەرنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىدۇ شۇنىڭدەك دۈشمەن يەنە مىللىي ئارمىيىنىڭ يارىدارلار ۋە ئۆلگەنلەرنى سېپىل تۈۋىدىن قايتۇرۇپ ئەكىۋېلىشىغا يول قويماي، پىلىموت ۋە مىلتىقلاردىن يامغۇردەك ئوق ياغدۇرىدۇ. مەمەت ئىسمائىل ئىسىملىك قول پىلىموتچىسى جەڭچى ئاقسۇ سېپىلىنىڭ شەرقىي تېمىدىن كېچىسى سېپىلغا چىقىۋاتقاندا، دۈشمەن تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يوتىسى ئاستىغا تۆت پاي ئوق تېگىپ، پۇتىنى چۇل-چۇل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ خەندەكتىكى سۇغا چۆمۈلىۋېلىپ، بىر كېچە سۇدا يېتىپ ساق قالغان. ئەتىسى ئايشەمخان دۈشمەننىڭ ياغدۇرۇۋاتقان ئوقلىرىغا قارىماي، نەچچىلىگەن يارىدارلارنى كۆتۈرۈپ، مەيداندىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققاندىن سىرت يەنە خەندەك ئىچىدىكى مەمەت ئىسمائىلنى كۆرۈپ، باشقىلارنىڭ توسۇشى، دۈشمەننىڭ ئوقلىرىغا قارىماي خەندەك تۈۋىگە بېرىپ، يارىدار جەڭچىنى تارتىپ چىقىرىپ، ئۇنى يەلكىسىگە ئارتىپ گاھ ئۆمىلەپ، گاھ يۈگۈرۈپ مىللىي ئارمىيە ئابورونىغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئايشەمخاننىڭ ئۈستى-بېشى لاي، قانغا مىلەنگەن بولۇپ، چاچلىرى چۇۋۇق، چارچىغان ھالدا ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جەڭچى دەرھال داۋالىنىشقا ئېرىشىدۇ ۋە ئارقىدىن ئىلىغا ئەۋەتىلىپ، يارىلانغان پۇتى كېسىۋېتىلىش بەدىلىگە ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ. ئۇ، 1980-يىللارغىچە ھايات ياشايدۇ.

ئايشەمخاننىڭ باتۇر سۈپەت ۋە كېلىشكەن قەددى-قامىتى، غەيرەتلىك، تىنىم تاپمايدىغان، ئىشچان ۋە خۇشخۇيلۇقى، خىزمەتلەرنى تاللىمايدىغان، قايسى ئىش بولسا قىلىۋېرىدىغان، كىشىلەرگە كۆيۈمچان، مېھرىبان ۋە ھەر دائىم جەڭ مەيدانىدا جەڭچىلەر بىلەن بىرگە بولۇپ، قورقۇمسىزلىق بىلەن يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇشى جەڭچىلەرنىڭ ھەتتا ئونسۇ ۋە ئاقسۇ ئەتراپىدىكى پۇقرالارنىڭمۇ كۆزىگە چېلىقىپ، ھۆرمەت قوزغىغان شۇنىڭدەك «ئايشەمخان» دېگەن بۇ ئىسىم جەڭچىلەر، پىدائىيلار ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان خەلقنىڭ ئارىسىغا تەز تارقالغان.

ئۇنىڭ ھەر دائىم يارىلىنىپ ماڭالمىغان ئېغىر يارىدار جەڭچىلەرنى جەڭ مەيدانىدىن يەلكىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ، بىخەتەر جايغا يۆتكەپ يارىسىنى تېڭىشى نەتىجىسىدە، نەچچە ئونلىغان جەڭچىلەرنىڭ ھاياتى قۇتۇلۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «شەپقەت ھەمشىرىسى» گە ئايلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاقسۇ سېپىلىغا شوتىلىق ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئېغىر يارىلانغان جەڭچىنى يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي، قۇتۇلدۇرۇۋېلىش ئارقىلىق كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى ئاقسۇ فرونتىدىكى مىللىي ئارمىيە كوماندىرلىرى ۋە جەڭچىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ. 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئايشەمخاننىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقى ئۈچۈن ئۇنى «پىدائىي» كۈمۈش مېدالى بىلەن تەقدىرلەيدۇ. 

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.