سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە يەتمىگەن «ئۆمۈر داستانى» نىڭ 3-تومىدىكى ئۇچۇرلار (4)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019.08.15
Seypidin-ezizi-3.jpg سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 1940-يىللاردا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (1944-1949) دەۋرىدە چۈشكەن سۈرىتى.(كىتابىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
RFA/Qutlan

ستالىن ۋە ماۋنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدىكى سەيپىدىن ئەزىزنىڭ موسكۋا سەپىرى

تارىخىي شاھىت سەيپىدىن ئەزىزى ئۆزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» نىڭ نەشر قىلىنمىغان 3-تومىدا يەنە ئۆزىنىڭ 1949-يىلى، 9-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى رەھبەرلىرى قازا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا بېيجىڭغا بېرىپ؛ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ماۋ زېدوڭ بىلەن بىرگە موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، شەرتنامە ئىمزالاشقا قاتناشقانلىق جەريانلىرىنى بايان قىلىدۇ.

مەلۇمكى، 1949-يىلى، 16-دېكابىر كۈنى ماۋ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىككى ئايغا سوزۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى زىيارىتىنى باشلىدى. سەيپىدىن ئەزىز موسكۋانى زىيارەت قىلىدىغان ماۋ زېدوڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللىرى تەركىبىدىكى شىنجاڭ ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە ماۋنىڭ ئارقىسىدىن، يەنى 1950-يىلى، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، شەھەر سىرتىدىكى ستالىن داچىسىدا تۇرۇۋاتقان ماۋ زېدوڭ بىلەن كۆرۈشكەن.

ئامېرىكادىكى ۋىلسون مەركىزىدە ساقلىنىۋاتقان سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 16-دېكابىر كۈنى ستالىن ماۋ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىن باشقا بىر ئاي ئەتراپىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمىگەن، 1950-يىلى، 22-يانۋار كۈنى ستالىن بىلەن ماۋ ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ستالىن سۆزىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ ماۋ بىلەن مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى يۈرۈش مەسىلىلەر بارلىقى، بىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدا يېڭى شەرتنامە تۈزۈشكە، ئىككىنچى يۈرۈش مەسىلىلەرنىڭ شىنجاڭ، مانجۇرىيە ۋە باشقىلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ستالىن ئاخىرىدا مەخسۇس شىنجاڭ، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارى مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ماۋنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭ ئۈچۈن ئاشلىق ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنلىشىگە ماقۇل بولىدۇ ۋە «شىنجاڭ بىلەن ئايرىم كېلىشىم تۈزۈش» ۋە ياكى بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىككە كەلگەن كېلىشىم تۈزۈش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ماۋ زېدوڭ «بىز بىرلىككە كەلگەن كېلىشىم تۈزۈشنى خالايمىز، بىراق ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شىنجاڭ بىلەنمۇ ئايرىم كېلىشىم تۈزۈشكە بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. لېكىن ستالىن شىنجاڭ ۋە مانجۇرىيە بىلەن تۈزىلىدىغان ئايرىم كېلىشىملەرنى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭ: «شىنجاڭ بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەت نامىدىن كېلىشىم تۈزۈلۈشى كېرەك» دەيدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ماۋ زېدوڭ ستالىننىڭ تەلىپى بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى شىركەت، يەنى رەڭلىك مېتال كانلىرىنى ئېچىش ۋە نېفىت ئېلىشقا ئائىت شىركەتلەرنى قۇرۇشقا ئائىت سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتاي ۋەكىللىرى تەركىبىدە مەخسۇس شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تەسىس قىلغان. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە ئۆزى بۇ ئۆمەكنىڭ باشلىقى، دېڭ لىچۈن، ھۈسەيىن مۇراتوف ئەزاسى، چېن شىخۇا تەرجىمان سۈپىتىدە موسكۋاغا كەلگەنىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي ۋىشېنسكىي سەيپىدىن ئەزىزنى مەخسۇس زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالغان. سەيپىدىن ئەزىز بۇ ھەقتە: «بۇ زىياپەت مېنىڭ شىنجاڭدىن موسكۋاغا كەلگەنلىكىمنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئىكەن، يولداش جۇ ئېنلەي، لى فۇچۈن ۋە بىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى كونسۇلىمىز قاتارلىق بىر قىسىم ئادەملەرنىمۇ تەكلىپ قىلىپتۇ» (48-بەت)دەيدۇ. 

ستالىننىڭ ماۋغا مەخسۇس «شىنجاڭ بىلەن ئايرىم كېلىشىم تۈزۈش» تەكلىپىنى بېرىشى ۋە ماۋنىڭ بۇنىڭغا ماقۇل بولۇشى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي ۋىشىنسكىينىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بولغان ۋە 1949-يىلى، بۇ ئىنقىلابقا ۋەكىللىك قىلغان كىشى-سەيپىدىن ئەزىزنى ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشىنىڭ ھەر خىل ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى قاھار باراتنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى سوۋېت ئىتتىپاقى، يەنى ستالىننىڭ خىتايلار شىنجاڭ دەپ ئاتىغان شەرقىي تۈركىستاننى يەنىلا ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى ۋە تەسىرى ئاستىدىكى جاي دەپ ھېسابلىغانلىقى، بۇ جاينى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايغا خۇددى سوۋغات كەبى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ماۋنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئايرىم كېلىشىم تۈزۈشىگە مەجبۇر قىلغانلىقىدۇر. شۇڭا ماۋنىڭ بۇ شەرتنى قوبۇل قىلماي ئامالىمۇ يوق ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى 1949-يىلى 10-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىشغال قىلىشىغا تاشلاپ بەرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ، بۇرھان شەھىدى رەئىس، سەيپىدىن ئەزىز مۇئاۋىن رەئىس بولسىمۇ، ئەمما ماۋنىڭ موسكۋا سەپىرىگە قاتنىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشكە رەئىس بۇرھان شەھىدى ئەمەس، بەلكى مۇئاۋىن رەئىس سەيپىدىن ئەزىز تاللاندى. شىۋېتسىيەدىكى تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەپەندىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدە سەيپىدىن ئەزىز شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان كىشى بولۇپ، چۈنكى ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرىي شەخسلىرىدىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى ئىدى. شۇڭا ماۋمۇ ئۇنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئۆز ئەسلىمىسىدە ئاشكارىلىشىچە، ئاندرېي ۋىشېنسكىي زىياپەتتە سۆزلىگەن سۆزىدە سەيپىدىن ئەزىز، جۇ ئېنلەي قاتارلىق باشقا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدا «شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى» دەپ ئېيتقاندا باشقىلار ھەيران قېلىشقان. ئەمما، ۋىشىنسكىي ئارقىدىنلا: «بۇ سۆزنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئاچىسون ئېيتتى» (48-بەت)دەپ ئىزاھلىغان ۋە ھەممىسى كۈلۈشكەن.

ۋىشىنسكىي سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ھەممەيلەن ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۈچۈن قەدەھ كۆتۈرۈشكەن.

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ماۋ موسكۋادا تۇرۇۋاتقان ۋاقتى ئۇزارغاندىن كېيىن خەلقئارادا ماۋنىڭ ستالىن تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىغا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ تارقالغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى غەربتىكى بۇ ئىنكاسلاردىن بىئارام بولۇپ، ئاخىرى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە قارار قىلغانىكەن. ۋىشىنسكىينىڭ سۆزى ئەمەلىيەتتە غەربتىن كېلىۋاتقان ئىنكاسلاردىن كېلىپ چىققان. سەيپىدىن ئەزىز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ ئاندرېي ۋىشىنسكىينىڭ سۆزىدىن كېيىن ئۆزى قەدەھ سۆزى سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ قەدەھ سۆزىدە «جۇڭگو-سوۋېت دوستلۇقى» نىڭ كۈچىيىشىنى مەدھىيەلەش بىلەن بىرگە «جاھانگىرلار ئىلگىرىكىدەك جۇڭگوغا قول سېلىش، شىنجاڭغا قول سېلىش، شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قورچاق ئورنىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشەندى»، شۇڭا «شىنجاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى بولدى» دېگەندەك ئىغۋالارنى تارقاتتى دېگەن. ئۇ يەنە ئۆز سۆزى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار نېمە دېسە دېسۇن شىنجاڭ ئىلگىرىدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىدى. ھازىر جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان يېڭى جۇڭگونىڭ يەنىلا بىر قىسمى بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقى بىلەن بىللە ئازاد بولدى، ئاچىسونلار نېمە دېسە دەۋەرسۇن بىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىۋېرىمىز دېدىم» (48-بەت)دەپ بايان قىلىدۇ. سەيپىدىن بۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپ، ئاخىرىدا «ستالىن، ماۋ زېدوڭنىڭ سالامەتلىكى ۋە جۇڭگو-سوۋېت ئىككى دۆلەتنىڭ ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقى ئۈچۈن! دەپ قەدەھنى كۆتۈردۈم، ۋىشىنسكىي بۇ سۆزۈمگە قايىل بولغانلىقىنى ئىزھار قىلدى» (49-بەت) دەپ ئەسكەرتىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ بۇ سۆزى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىشى، يەنى بۇ جاينىڭ خىتاينىڭ قولىدا قېلىشىدىن ئىبارەت ئاخىرقى قارارىغا ئۇيغۇن بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىزنىڭ بۇ سۆزلەرنى موسكۋادا سوۋېت رەھبەرلىرى ئالدىدا جاكارلىشى ئۇلارنىڭ تەلىپى ۋە سىياسىي ئېھتىياجىغا دەل ماس كەلگەنىدى. شۇڭا ۋىشىنسكىي بۇ سۆزلەردىن قايىل بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور قاھار باراتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋەكىللىرى تەركىبىدە سەيپىدىن ئەزىز باشچىلىقىدا مۇنداق ئايرىم بىر ئۆمەك تۈزۈلۈشى ۋە سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ۋىشىنسكىي تەرىپىدىن ئالاھىدە كۈتۈۋېلىنىشى يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانى بىلەن بولغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى ساقلايدىغانلىقىنى خىتاي تەرەپكە كۆرسەتمەكچى بولغان شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرى، جۈملىدىن ئىستراتېگىيىلىك بايلىقلىرى بولغان ئۇران ۋە باشقا كەم ئۇچرايدىغان مېتال كانلىرىغا ئىگە بولۇشنى مەقسەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

سەيپىدىن ئەزىزنى ئالاھىدە زىياپەت بېرىپ كۈتۈۋالغان ئاندرېي ۋىشىنسكىي 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىرى ئارىلاشقان ۋە بېرىيا بىلەن بىرگە 1945-يىلى، 4-ئايدا سىياسىي بيۇرودىن بۇ ئىنقىلابقا ياردەم بېرىشنى تەكلىپ قىلىپ دوكلات سۇنغان كىشى ئىدى.

سەيپىدىن ئەزىز ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلىشىچە، ئۇ 1950-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ستالىن ۋە ماۋ قاتارلىقلار قاتناشقان سوۋېت-خىتاي دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە ستالىن بىلەن شۇ سورۇندا تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.