يوسىف ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭنىڭ دوستلۇقىغا پۇتلاشقان «ئۇيغۇر تارىخى» (1)

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2020.06.04
aleksandir-bernshtam.jpg سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگى ۋە تارىخشۇناسى ئالېكساندىر بېرنشتام.
wikipedia.org

تۇنجى «ئۇيغۇر تارىخى» كىتابىنىڭ يېزىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى

دۇنيادىكى تۇنجى مەخسۇس ئىلمىي ئاكادېمىيەلىك «ئۇيغۇر تارىخى» كىتابى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياكى خىتايلار ۋەياكى باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئەمەس، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخېئولوگى ۋە تارىخشۇناسى ئالېكساندىر بېرنشتام تەرىپىدىن 1949-يىلى يېزىلغانىدى.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئارخېئولوگىيەسى بويىچە خەلقئارا مىقياسىدا يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ساھە بويىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا زور نەتىجىلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، 1951-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «قازاق ئېلى‏» ژۇرنىلى نەشرىياتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر ئالىمى ئالېكساندىر بېرنشتام تەييارلىغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ۋە دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تارىخىنىڭ قىسسەلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابنى ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلدى. 9 باب، 286 بەتلىك مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تاكى 14-ئەسىرگىچە بولغان ئېتنىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىنىڭ تۇنجى قېتىم ئومۇملاشتۇرۇلۇپ سىستېمىلىق بايان قىلىنىشى ئىدى. كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمى ئاھالىسى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مانا شۇ زېمىندا پەيدا بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ تاكى 14-ئەسىرگىچە ھەر خىل دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى، تۇرپان ئىدىقۇت دۆلىتى ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ، يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقانلىقى ئىلمىي ھەم پاكىتلىق بايان قىلىنغان.

بۇ كىتابنىڭ مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا يېزىلىشىنىڭ مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، بۇ ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. قازاقىستاندىكى تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللىغانىدى.

ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، سوۋېت دەۋرىدە ھەرقانداق بىر تارىخ تەتقىقاتى ھۆكۈمەت ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەر بىر ئەسەر، ھەر بىر تەتقىقات تېمىسى كومپارتىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەستىقلىناتتى. شۇڭا بېرنشتامنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇر تارىخى كىتابىمۇ ئوخشاشلا، سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە پارتىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال ئىدى.

دېمەك، 1945-1949-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى ئاستىرتىن قوللىغان ستالىن

ھۆكۈمىتىنىڭ پروگراممىسى ئاستىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي-سىياسىي ئىدېئولوگىيەسى ھەم خىتايدىن مۇستەسنا شەرقىي تۈركىستان ياكى ئۇيغۇرىستان ۋەتەن ئىدىيەسىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخېئولوگىيەسى، تۈرك، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى، كۆپ يىللار قىرغىزىستاندا ياشاپ، بالاساغۇن شەھىرى خارابىسى ۋە باشقا تەڭرى تاغ رايونىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلارغا يېتەكچىلىك قىلغان ئاكادېمىك ئالېكساندىر ناتانوۋىچ بېرنشتام تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنىڭ قىسسەلىرى» ناملىق ئەسەر تەييارلاندى. بېرنشتام 1910-يىلى تۇغۇلۇپ، 1956-يىلى، 46 يېشىدا لېنىنگراد شەھىرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەڭ ياش ئاكادېمىكلىرىدىن بىرى ئىدى.

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، شۇ ۋاقىتتا، يەنى شۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئۇيغۇر تارىخى ناھايىتى مۇھىم مەسىلە بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخىغا قىزىقىشىمۇ يۇقىرى ئىدى. شۇنىڭدەك خىتايلارمۇ ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆز خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرۈشكە كىرىشىپ، «شىنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بۇرۇنلا ياشىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە كۆچۈپ كەلگەنلىكى» قارىشىنى كۆتۈرۈپ چىقتى، ھەتتا جاڭ جىجوڭمۇ شۇنى كۆپ تەكىتلەپ، ماقالە يېزىپ، ماقالىسىنى ھەتتا خىتايچە ۋە ئىنگلىزچە ئېلان قىلىپ تارقاتتى. شەرقىي تۈركىستان تەرەپ مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتورلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمى ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قىسقىسى، تارىخ مەسىلىسى ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي توقۇنۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلاردىن ئىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئەنە شۇ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ بېرنشتامنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشىنى بېكىتىپ ۋە بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا، يەنى شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئابلەت كامالوفنىڭ قارىشىچە، بېرنشتام ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تارىخى بويىچە مەخسۇس ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ جەھەتتە تونۇلغان كۈچلۈك ئالىم بولۇپ، ئۇنىڭ 1947-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدىكى مەزمۇنلار ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن.

تۈركىيەدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ قارىشىچە، رۇس ۋە سوۋېت تارىخچىلىرى ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە تىلى ھەققىدە كۆپ تەتقىقاتلارنى قىلىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۇرۇنلا يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تارىخى، ئۆز مىللىي كىملىكىنى چۈشىنىشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئا. ن. بېرنشتامنىڭ مەزكۇر «ئۇيغۇر تارىخى‏» كىتابى 1951-يىلى ئالمۇتادا نەشر قىلىنسىمۇ، ئەمما بۇ ئەسەر سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈلمەي يىغىۋېلىنىش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئەسەر ئىككىنچىلەپ نەشر قىلىنماي قويدى. ئۇنداقتا بۇ كىتاب نېمىشقا يىغىۋېلىندى؟ كىتابنىڭ تەقدىرىگە كۆرسەتكەن تۈپ ئىدىيەلەر ۋە نۇقتىئىنەزەرلەر قانداق؟ (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.