ستالىن ماۋنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىشىگە قانداق ياردەم بەردى؟

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Archive

1949-يىلى، 4-ئايدىن كېيىن، ماۋ زېدوڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدىكى قانۇنلۇق بىر ھۆكۈمەت سۈپىتىدە ھاكىمىيەت قۇرۇشى، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىگىلىكىنى قۇرۇشى شۇنىڭدەك خەلقئارالىق سىياسىي ئورنىنى تىكلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ ئىشلىرىدا ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت رايونلارنى ھەم پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىشتا ستالىننىڭ رۇخسىتى ۋە ياردىمىنى ئېلىشقا موھتاج ئىدى. ئامېرىكا تارىخچىسى دوكتور چارلېس كرائۇسنىڭ ۋىلسون مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ستالىن 1949-يىلى شىنجاڭدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈچىنى قانداق ئاشۇردى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىشغال قىلىشى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىسىز ئەمەلگە ئاشمايتتى.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ دۆلەت قۇرۇشى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىشغال قىلىشىدىن ئىبارەت كۆپ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 1949-يىلى، 7-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ ۋەكىلى ليۇ شاۋچى باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى مەخپىي تۈردە موسكۋاغا ئەۋەتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن قاتارلىقلار بىلەن ئىككى ئايغا سوزۇلغان سۆھبەتلەر ئېلىپ باردى.

ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت سوزۇلغان 9 تۈرلۈك سۆھبەت تېمىسى ئىچىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلىشى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى 1949-يىلى، 10-ئايدا ئېلان قىلىش ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىنى تېزلىكتە ئىشغال قىلىش تەكلىپى بەردى شۇنىڭدەك ستالىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ رايوننى ئىشغال قىلىشىغا ئايروپىلان ۋە باشقا ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىدە ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە رۇسچە ئەسلى كوپىيەسى ساقلانغان بۇ ھەقتىكى سوۋېت ئارخىپلىرى خىتاي كومپارتىيەسى قوشۇنلىرىنىڭ 1949-يىلى 10-11-ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلەش جەريانىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەنقەرەدىكى ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان دەۋرى سىياسىي تارىخى، جۈملىدىن سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگەن دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ليۇ شاۋچىنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي خەلقئارا سەھنىگە چىقىشىنى بەلگىلەش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادا پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىغىلا تايىنىش يولى بار ئىدى، چۈنكى ئۇ ئامېرىكا ۋە باشقا دۇنيا چوڭ دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايتتى. خىتاي كومپارتىيەسى مەزكۇر سەپەردىن ئۇيغۇرلار دىيارىنى ئىگىلەشتە ستالىننىڭ يول قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىشقا ئالاھىدە قىزىققان ۋە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ جاينى ئىشغال قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن، شۇڭا بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشنى ھېس قىلغان. دوكتور چارلېس كرائۇسنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن شىنجاڭ بەك يىراق، ئىشەنچلىك قاتناش ۋاسىتىسى يوق، شۇنداقلا قىسىمنىڭ كەيپىياتى سۇس، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر تېخى تولۇق ئازاد بولمىغان ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە ئېتنىك-سىياسىي تارىخى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ماۋ ئۇيغۇر دىيارىنى 1950-يىللاردا ئىگىلەشنى ئويلاشقان. خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلىشقا ئالدىرىماسلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن زور قوشۇن ئەۋەتىشنى ئويلىشىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ئارمىيەسىنىڭ بارلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭمۇ تېخى كومپارتىيەگە تەسلىم بولمىغانلىقى ئىدى.

چارلېس كرائۇس ماقالىسىدە سوۋېت ئارخىپلىرىغا تايىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىشغال قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىشىدە ئۇنى «بىرىنچىدىن، تېز سۈرئەتتە بېسىپ كىرىدىغان قاتناش قورالى بىلەن تەمىنلىگەن، ئىككىنچىدىن ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان باشقا ياردەملەرنى، يەنى ئايروپىلان، يېقىلغۇ ياردەملىرى بەرگەن. ئۈچىنچىدىن، ئاشلىق ياردىمى بەرگەن بولۇپ، بۇ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان» دەيدۇ. ئۇ يەنە «خىتاي ئارمىيەسى ئىشغالغا قاتناشقان 90 مىڭ كىشىنى بېقىش ئۈچۈن زور مىقداردا ئاشلىق ۋە باشقا ئوزۇق -تۈلۈكلەرگە ئېھتىياجلىق ئىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ ۋە «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 10 مىڭ توننا ئاشلىق بەرگەنلىكى قەيت قىلىدۇ».

ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىدە ئېلان قىلىنغان ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى، 26-سېنتەبىر كۈنى ستالىنغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا ياردەم ئېھتىياجلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى تولۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، ماۋ زېدوڭ شىنجاڭغا 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇن كىرگۈزمەكچى بولغانلىقى ئېيتىپ: «بۇ جاينىڭ يوللىرى ناچار، شارائىتى قىيىن، ئادەم ئاز، ھەم بۇ يەردە يېمەكلىك يوق،  شۇڭا بىز سىزنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك، كىيىم -كېچەك، مۇھىم رەھبىرىي شەخسلەر ۋە بەزى قىسىملارنى يۆتكەش ئۈچۈن 30-50 دانە توشۇغۇچى ئايروپىلان ياردەملىرى بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق» دەپ يازغان.

ماۋ زېدوڭ ستالىندىن ئۈرۈمچى-لەنجۇ-شىئەن ھاۋا يولى ئېچىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ماۋ يەنە ئەگەر شۇ يىلى نويابىر ئېيىدا قوشۇنلارنى ئەۋەتمىگەندە، قىش چۈشۈپ كەتكەنسېرى قوشۇننى ئەۋەتىش قىيىنلىشىپ، قوشۇن ئەۋەتىشنىڭ 1950-يىلىنىڭ مارت ۋە ئاپرېل ئايلىرىغا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، « بۇ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، ماۋنىڭ شىنجاڭغا 500 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتمەكچى بولغانلىقى ۋە ستالىننى ياردەم بېرىشكە ئالدىرىتىشى بىر تاكتىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ستالىننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تېزلىكتە ئۇيغۇر دىيارىغا قوشۇن ئەۋەتىپ ئىگىلەش تەلىپىدىن پايدىلانغان ئىدى.

ستالىن ماۋغا ئايروپىلان بەرگەندىن كېيىن، ماۋ يېقىلغۇ تەلەپ قىلغان.ماۋ زېدوڭ 1949-يىلى، 5-ئۆكتەبىر كۈنى ستالىنغا تېلېگرامما يوللاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېقىلغۇ جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، «بىز شىنجاڭ ئۆلكىسىنى تېزلىكتە ئىگىلەش ئۈچۈن ھاۋا قاتنىشى ئارقىلىق سۇجۇدىن ئۈرۈمچىگە بىر دېۋىزىيە قوشۇن تاشلىماقچى بولۇۋاتىمىز. ئەمما بۇ ئىشتا بىز يېقىلغۇ-بېنزىن جەھەتتىن قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتىمىز» دېگەن.

ماۋ زېدوڭ يېقىلغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ستالىندىن ئۈرۈمچىگە تېزلىكتە مىڭ توننا بېنزىن يەتكۈزۈپ بېرىشنى، بۇنىڭ 200 توننىسىنى قۇمۇلغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى، ئۈرۈمچىگە پېڭ دېخۇەينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئەسكەرلەرنى توشۇش ئۈچۈن بەش زاپاس ئايروپىلان چىقىرىشنى ئۆتۈنگەن.

10-ئاينىڭ 14-كۈنى ستالىن ماۋغا يوللىغان تېلېگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ماۋنىڭ ئالدى بىلەن بىر دېۋىزىيەنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ۋە مىڭ توننا بېنزىن ھەم بەش ئايروپىلان ۋە ئۈرۈمچى، قۇمۇلدا تۇرىدىغان ئايروپىلان خادىملىرىنى بېرىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنە شۇنىڭدىن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ئۇيغۇر دىيارىغا كەڭ كۆلەمدە ئاتلانغان بولۇپ، ئالدى بىلەن بىر تانكا برونېۋىك پولكى ئالدىن يۈرەر قوشۇن سۈپىتىدە يۈرۈش قىلىپ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن ۋە باشقا قوشۇنلارمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن جاي-جايلارغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. 1949-يىلى، 10-ئاينىڭ 24-كۈنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە باشقا جايلارغا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە ستالىنغا دوكلات قىلىنغان بولۇپ، بۇ دوكلات سوۋېت ئىتتىپاقى خادىمى كاۋالىيوف ئارقىلىق ستالىنغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلگىرى-كېيىن ئۆز ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسىنىڭ بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرىنى ۋە زور تۈركۈمدىكى ئېغىر قوراللىرى، ئوق-دورىلىرىنى ئۈرۈمچىگە توشۇپ بەرگەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسلىدە ماۋ زېدوڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا 1950-1951-يىللىرى ئارىسىدا يۈرۈش قىلىشنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىمۇ 1950-يىلى قۇرۇشنى ئويلاشقان بولۇپ، چۈنكى بۇ چاغدا ئۇ پۈتۈن خىتاينى تولۇق ئىگىلەپ بولمىغان ئىدى. ئەمما ستالىن ئۇنى ئالدىراتقان. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئامېرىكا باشلىق غەرب كۈچلىرىنىڭ بۇ ئۆلكىدە خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى سىياسىي كۈچ ھاسىل قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت