ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-04-12
يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. يېقىندا تۈركىيە ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى تونۇلغان تۈركولوگ پروف. در. جەنگىز ئاليىلماز تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتايدىكى تۈركىي مىللەتلەر تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يىپەك يولى ئۆتۈڭىدىكى ئۆلمەس ئەسەرلەر» ناملىق كىتاب تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى.
2015-04-12
ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق مەدەنىيەتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى تۈركولوگلارنىڭ، تىلشۇناسلارنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور خاتىجە شىرىن ئۇسەر خانىم يازغان «باشلانغۇچتىن ھازىرغىغا قەدەر تۈرك يېزىق سەستىمىلىرى ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنغان بولۇپ ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيىتى بۇ كىتابنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلغان.
2015-04-05
بۈگۈن بارىن ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 25 - يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.
2015-04-05
ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام مەدەنىيەتشۇناسلىق ۋە مۇزىكولوگىيە ئىلمىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان غەرب دۇنياسىدىكى بىر قىسىم مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدىمۇ قىزىقىش قوزغىماقتا.
2015-03-29
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار بۈگۈنكى تارىخ ۋە بۈگۈن پروگراممىمىزدا تۈركىيە قىرشېھىر ئاخى - ئەۋران ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور كۈرشات زورلۇ ئەپەندىنىڭ 14 - مارت كۈنى يېنىچاغ گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان «مانا بۇ تۇركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تارىخ كىتابى» ماۋزۇلۇق ئوبزورىنى ئاڭلىتىمىز. ئۇ، ئوبزورىنى مۇنداق باشلايدۇ:
2015-03-22
تۈركىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار 1930 - يىللاردا باشلانغان ئىدى. 80 يىلدىن بېرى بۇ تەتقىقات ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، تەتقىقات دائىرىسى كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ساھەسى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلارمۇ كۈندىن كۈنگە كۆپەيدى. يېقىنقى يىللاردا بۇ ساھەدە يېڭى بىر تۈركۈم ياش ئۇيغۇرشۇناسلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ بىرى دوتسېنت ئەردەم ئۇچار ئەپەندى بولىدۇ. بىز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ كەچمىشى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۈزلىنىشى ھەققىدە ئەردەم ئۇچار ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
2015-03-08
تۈركىيەدە چىقىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 4 - سانى ئوقۇرمەنلەرى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ ساندا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، فولكلورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 14 ماقالە، كىتاب باھالاش ۋە تونۇشتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك 5 ماقالە يەر ئالغان بولۇپ، تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2015-02-22
2-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتايچە «خەلق تور بېتى» ۋە «Soxu.com» تور بەتىدە «ئارخېئولوگىيىلىك بايقاش: 3500 يىل بۇرۇنقى لوپنۇرلۇقلار باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بارغان» تېمىلىق بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.
2015-02-22
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان مەرىپەتچى ۋە شائىر ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي 1937 - يىلى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە قولغا ئېلىنىپ، باشقىمۇ مىڭلىغان شۇ تەقىب قۇربانلىرى ئوخشاش «ۋەتەنگە خىيانەت» قىلغانلىقىدا ئەيىبلىنىپ ئېتىلغان. ھازىر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەققىدە ھۆججەتلەر ساقلىنىپ قالغان بولسا، بەزىلىرى ھەققىدە ھېچ بىر مەلۇمات مۇشۇ كۈنگىچە تېپىلمىغان.
2015-02-22
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر گېنېرال مەرھۇم مەمەت رىزا بېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 5 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئاقساراي رايونىدىكى گىرانت ئىنكا مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە سابىق پارلامېنت ئەزاسى پېشقەدەم سىياسەتچى نەۋزات يالچىنتاش ئەپەندى، ئىدىل - ئۇرال تۈركىستان ۋەخپى باشلىقى تۈلاي دۇران خانىم، تونۇلغان تارىخچى پروفېسسور گۈلچىن چاندارلى خانىم، مەرھۇم گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننىڭ دوستلىرى، ئىزمىر ۋە ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، ئۇنىڭ قىزى، ئوغلى ۋە نەۋرىسى بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئانى كەرىم تىلاۋەتى بىلەن باشلاندى. گېنېرال مەمەت رىزا بېكىننى خاتىرىلەش يىغىنىغا تارىخچى پروفېسسور ئابدۇلقادىر دونۇق رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يىغىندا سۆزلەيدىغانلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىشتىن بۇرۇن، قىسقا نۇتۇق سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى:
2015-02-15
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن كۆپلىگەن ئەربابلار يېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇلار بولۇپمۇ يەتتىسۇنىڭ سىياسىي، مەدەنىي ھاياتىدا سالماقلىق رول ئويناشقا باشلىغان ئېدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تايىروف، ماھمۇت غوجامياروف، ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي ۋە باشقىلار شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلار سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورگانلىرىدا تۈرلۈك لاۋازىملاردا خىزمەت قىلىپلا قالماي، خەلقىنىڭ پاراۋان ھاياتى، بەختى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈنمۇ ياشىدى ھەم ئەمگەك قىلدى. شۇلارنىڭ بىرى مەرىپەتچى ۋە شائىر ئابدۇلھەي مۇھەممەدىي 1901 - يىلى ئالماتا ۋىلايىتى چېلەك ناھىيىسىگە قاراشلىق بايسېيىت يېزىسىدا تۇغۇلدى. مۇئەللىملەر كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۇ، 1919 - ۋە1926 - يىللار ئارىلىقىدا تاشكەنت ۋە موسكۋادا ئالىي بىلىم ئېلىپ، تاشكەنتتە ئورۇنلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.
2015-02-01
ئوتكەن ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا قەشقەر دىيارىدىن تۇركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئىچىدىكى زىيالىي ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ۋە جامائەت پائالىيەتچىسى مەمەت جانتۈرك ئەپەندى 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
2015-02-01
قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىق پەنىنىڭ ئاجرالماس قىسمى بولغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئۆتكەنكى ئەسىردە باشلانغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ساھە ھەرتەرەپلىمە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، جەمئىيەتتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى ھەر خىل دەرىجىدە راۋاجلىنىپ كەلدى. ئەدەبىياتشۇناس ئالىملار ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ھەر يىللىرى تۈرلۈك نەشىرلەردە ھەم جۇمھۇرىيەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئېلان قىلدى. سوۋېت دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ۋە قازاقىستان مۇستەقىللىككە ئىگە بولغان دەسلەپكى يىللىرى ئەدەبىياتشۇناسلىق پەنىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى پەللىسىگە يەتتى.
2015-01-18
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكىنىڭ گېربى ئوتتۇرىسىدا ئاي، ئەتراپىدا 16 يۇلتۇز بار. تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا مەزكۇر 16 يۇلتۇز تارىختا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 740 - يىلىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن 840 - يىلىدا قۇرۇلغان قاراخانىيلار دۆلىتىمۇ بار ئىكەن. ئۆتكەن يىلى رەئىس جۇمھۇرلۇققا سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى سالدۇرغان رەئىس جۇمھۇرلۇق مەھكىمىسى سارىيىدا تۈركىيەگە رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن دۆلەت باشلىقلىرىنى تارىختا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلىتىنىڭ ھەربىي كىيىمىنى كىيگەن قاراۋۇللار مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى.
2015-01-04
قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ياكى قىرىم جۇمھۇرىيەتى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن قىرىم، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسيە فېدېراتسىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىپ كەلگەن بىر يېرىم ئارال.