ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-09-23
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھپىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسىمدا سىلەر 1945 - يىلى، 18 - سېنتەبىر كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرگە گومىنداڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شائىر بىلال ئەزىزىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى مەلۇمات، 1945 - يىلى، ئاقسۇ ۋە ئۇچتۇرپان شەھەرلىرىدىكى ل.مۇتەللىپ ۋە سېيىت ئابباس باشچىلىقىدىكى ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەمدە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئىككى جايدا قىرغىن قىلىنىش ئەھۋالىغا ئائىت تارىخىي ئۇچۇرلار شۇنىڭدەك 1934 - يىلى، قەشقەردە يۈز بەرگەن فېۋرال قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇمات ھەم باشقا مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.
2012-09-09
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممامىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سىلەر رۇسىيىنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى شۇنىڭدەك مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ۋە خىزمەتلىرى ھەققىدىكى سۆھبەت، مەرھۇم خەلق شائىرى روزى سايىت ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاڭلايسىلەر.
2012-08-26
< «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 26 - ئاۋغۇستتىكى سانىدا سىلەر بىشكەكتە چاقىرىلغان تۈركىي دۆلەتلەر كېڭىشىنىڭ يىغىنى ۋە يىغىندا ئېلىنغان قارارلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.
2012-07-22
تارىخ ۋە بۈگۈن سەڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سىلەر 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇەم رەەرلىرىدىن بىرى ئابدۇرەۋۇپ مەخسۇڭ پائالىيەەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى، تۈركىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈەققىدىكى تەەرنى ئاڭلايسىلەر
2012-07-08
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 8 - ئۇيۇل كۈنىدىكى قىسىمدا سىلەر ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق كونىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت مەلۇماتلارنى، كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تارىخى ھەققىدە ئۇيغۇر مەنبەلىرىگە ئائىت تەييارلانغان مەلۇماتلارنى ھەمدە تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇش جەريانىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئاڭلايسىلەر
2012-06-24
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا سىلەرگە تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ياشاۋاتقان 170 ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ تارىخى مۇساپىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز. بۇ ھەقتە ئەركىن تارىم ئۇچۇر تەييارلىدى.
2012-06-17
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممامىزنىڭ 17- ئىيۇندىكى سەھىپىسىدە قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى گېگېل مىجىت ئوغلى ئىسساقوفنىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقات پائالىيەتلىرى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
2012-06-10
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ 10 - ئىيۇندىكى قىسمىدا سىلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە ئائىت مەلۇمات ۋە ئانالىز، تارىخىي شاھىد يازغۇچى مەسىمجان زۇلپىقاروفنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىقنىڭ ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى ۋە مەرىپەتپەرۋەرلىكىگە قوشقان تۆھپىسىگە ئائىت پروگراممىلارنى ئاڭلايسىلەر.
2012-06-03
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سىلەرگە 23 - 25 - ماي كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى يوقىلىشقا يۈز تۇتقان تۈركى مىللەتلەر» ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تېمىلار ۋە مەزمۇنلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز، بۇ مەلۇماتنى ئەركىن تارىم تەييارلىدى.
2012-05-13
بۇ يىل ماي ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 1962 - يىلى كەڭ كۆلەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ چىققانلىقىغا ساق 50 يىل توشتى. 1962 - يىلىدىكى كۆچ - كۆچ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 19 - ۋە 20 - ئەسىر تارىخىدىكى بىر قاتار كۆچۈشلەرنىڭ داۋامى ئىدى. 1877 - يىلى، زو زوڭتاڭ قەشقەرىيىنى بويسۇندۇرغاندا ۋە 1881 - يىلى، رۇسىيە ئىلىنى چىڭ سۇلالىسىغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.
2012-04-29
تارىخ ۋە بۈگۈن سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سىلەر ئالدى بىلەن تۈركىيە بىلەن قازاقىستان قازاقىستاندىكى تۈركىستان شەھىرىدە بىرلىشىپ ئاچقان «تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات مەزگىلى ۋە 10 - 13 - ئەسىرلەردە ياۋرو - ئاسىيادىن غەربىي ئاسىياغا» ماۋزۇلۇق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلغان ماقالىلارنىڭ مەزمۇنلىرى، تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيتىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت مەلۇماتنى شۇنىڭدەك يەنە قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاتاقلىق نامايەندە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئەدەبىيات ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن باغلاشقان ھەسسە قوشقان ئەدەبىيات نامايەندىلىرىدىن بېرى ئىلىيا بەختىيانىڭ ئىجادىي ھاياتى ۋە باشقىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاڭلايسىلەر.
2012-04-22
يەتتەسۇدىكى «ئاتۇ» ۋەقەسىگە 94 يىل: مەلۇمكى، 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى پاجىئەلىك ۋە شەرەپلىك بولدى.
2012-04-08
1945-يىلى، 8-ئاپرىل كۈنى، يەنى بۇنىڭدىن 67 يىل مۇقەددەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىسىنى دۇنياغا كەلتۈردى . بۇ كۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىخىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
2012-03-25
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممامىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سىلەر تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاشنى داۋاملاشتۇرىسىلەر. بۇنىڭدا سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئەسلىملىرىنى ئاڭلايسىلەر.
2012-03-18
« تارىخ ۋە بۈگۈن » سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسمىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىشلىگەن « غېنى باتۇر» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشلىرىمىزنىڭ داۋامىنى ھەمدە ئەركىن تارىمنىڭ دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر تارىخى داستانى « ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ تەتقىق قىلىنىش مەسىلىلىرىگە ئائىت سۆھبەتنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.