ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-01-29
تارىخ ۋە بۈگۈن سەھىپىمىزنىڭ 29 - يانۋاردىكى قىسمىدا 1944 - 1949 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ۋە مىللىي ئارمىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرلىرىدىن بىرى مەرغۇپ ئىسقاقوفنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە، 1914 - يىلى تۈركىيە مائارىپچىسى ئەخمەت كامالنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان مائارىپ - ئاقارتىش پائالىيەتلىرىگە ئائىت مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.
2012-01-22
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1940 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە ئۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينىغان، مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى پەرزەنتلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى، تۈركىيە تارىخچىسى، «ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى، پروفېسسور كەمال گۈدە ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئاناتولىيىگە كېلىش تارىخى شۇنىڭدەك بۇ جايدا ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلىرى ئاڭلىتىلىدۇ.
2012-01-15
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمدا ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە ئاناتولىيىگە كېلىش تارىخى، بۇ يەردىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيىلىك قېزىلمىلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار ۋە 1940 - يىللار تارىخىغا ئائىت ئەسلىمىلەر شۇنىڭدەك مەرھۇم زىيا سەمەدىنىڭ1930 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت تارىخىغا بېغىشلىغان تارىخىي ئەسلىمە خاراكتېرلىق رومانى«يىللار سىرى»دا بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ داۋامى بىلەن تونۇشىسىلەر.
2012-01-08
سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا ئۆتكەن ئەسىردە ياشىغان ھەمدە 1944 - 1949 - يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ قەھرىمانلىرىدىن بىرى غەنى باتۇرنىڭ پائالىيەتلىرى جۈملىدىن ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن ستالىن بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە ئائىت ھەمدە ۋىكىلىكىس تورىنىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئويۇپ قويۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلاردىن خەۋەر تاپىسىلەر.
2012-01-01
پروگراممامىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا 1944 - يىلىدىن 1946 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغان ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ تاشكەنتتىكى 30 يىللىق سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە ئوغلى قۇتلۇقخان تۆرىنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.